باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكىنىڭ نېفىت تۇرۇبىسى يېرىلىپ كېتىپ ماي چىقىپ كەتتى

2013.04.02 13:36         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا ئېكسونموبىل شىركىتى تۈنۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان ئاركانساس ئىشتاتىدىكى ئېغىر نېفىت يەتكۈزۈش تۇرۇبىسى 29-مارت يېرىلىپ كېتىپ، زور مىقدارىدىكى نېفىت ئېقىپ كەتتى، ھازىرغىچە خىزمەتچى خادىملار نەق مەيداندا تەخمىنەن 12 مىڭ باك نېفىت ۋە بۇلغانغان سۇنى بىر تەرەپ قىلدى. ئامېرىكا مۇھىت ئاسراش مەھكىمىسى بۇ ئىشنى «ئېغىر نېفىت چىقىپ كېتىش» ۋەقەسى دەپ بېكىتتى، 22 ئائىلىلىك جىددىي تارقاقلاشتۇرۇلدى.

  شىركەت بۇ تۇرۇبىنى تاقىدى، ۋەقەنىڭ سەۋەبى تەكشۈرۈلمەكتە. بۇ تۇرۇبا كانادانىڭ پاتوكادىن ئېغىر نېفىت يەتكۈزىدىغان بولۇپ، ئىللىنوئىس ئىشتاتى، ئاركانساس ئىشتاتىدىن ئۆتۈپ، تېكساس ئىشتاتىنىڭ مېكسىكا قولتۇقىدىكى نېفىت ئايرىش زاۋۇتىغا يەتكۈزۈلىدۇ، كۈندىلىك توشۇش مىقدارى 90 مىڭ باكقا يېتىدۇ. ئېكسونموبىل شىركىتى 2009-يىلى بۇ تۇرۇبىسىنىڭ سىغىمىنى كېڭەيتىپ، يېڭىچە «ماي ئېقىپ كېتىشنى تەكشۈرۈش تېخنىكىسى» قۇرۇلمىسى ئورناتقان ئىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە