باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار مەھكىمىسى تۈركىيەنى تەنقىد قىلدى

2013.04.02 13:37         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار مەھكىمىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مەخسۇس خادىملار مەھكىمىسى 29-مارت، تۈركىيەنى تەستىقىمىزنى ئالماي تۇرۇپلا، ئاز دېگەندە 130 سۈرىيەلىك مۇساپىرنى قاتۇرۇۋەتتى، دەپ تەنقىد قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تۈركىيەنى مۇساپىرلارنى قايتۇرىۋېتىشتىن كېلىپ چىققان توقۇنۇشنى تەكشۈرۈشكە دەۋەت قىلدى.

  بۇ ئورگاننىڭ باياناتچىسى مىلسا. فورەيمىن رېتىر ئاگېنتلىقىغا ئەۋەتكەن بىر ئېلېكتىرون پوچتا يوللانمىسىدا مۇنداق دېدى: مۇساپىرلارنى مەجبۇرى قايتۇرۇۋېتىش خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ، بۇ خىل ئۇسۇل بىلەن پۇساپىرلارنى جازالاشقا ياكى چۆچۈتۈشكە بولمايدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: قاتۇرۇۋېتىلگەن مۇساپىرلار سۈرىيەنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى ئۆكتىچىلەر كونتروللۇقىدىكى رايونغا كىردى. مۇساپىرلار مەھكىمىسىنىڭ ئۇ يەردىكى خادىملار بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىسى بولمىغانلىقتىن، بۇ مۇساپىرلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەشكە ئامالسىز قالدۇق.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە