- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئۈرۈمچى-قاراماي ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى 8-ئاپرېل ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ
2013.04.02 13:41 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
1-ئاپرېل مۇخبىرنىڭ جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ شۆبە شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە ، 8-ئاپرېلدىن باشلاپ ، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ ئۈرۈمچى – قاراماي لىنىيەسى ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدىغان بولۇپ ، ھەپتىدە ئۈچ قېتىم ئۇچىدىكەن .
ئۈرۈمچى-قاراماي ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ ھاۋا يولى 289 كىلومېتىر بولۇپ ، 45 مىنۇت ۋاقىت كېتىدىكەن . ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن ، CZ6683/4 تىپلىق ئايروپىلان ئۇچۇش ۋەزىپىسى ئۆتەيدىكەن .
ئىگىلىنىشىچە ، بۇ ئايروپىلانغا 250 يولۇچى سىغىدىغان بولۇپ ، بېلەت باھاسى ئەڭ تۆۋەن بولغاندا 630 يۈەن بولىدىكەن .
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە