باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شىزاڭدىكى تاغ گۆمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسىدە قازا قىلغانلار 21 گە يەتتى

2013.04.02 13:34         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىزاڭنىڭ لاسا شەھىرى موجۇگوڭكا ناھىيەسى جاشىگاڭ يېزىسىدىكى تاغ گۆمۈرۈلۈپ چۈشۈش ئاپىتىدىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنىڭ ئېلىپ بېرىلىۋاتقىنىغا 70 نەچچە سائەت بولدى، 31-مارت قازا قىلغان 19 كىشىنىڭ جەسىتى تېپىلدى، ئۇنىڭغا بۇنىڭدىن بۇرۇنقى ئىككى كىشىنىڭكىنى قوشقاندا نۆۋەتتە قازا قىلغانلار سانى 21 گە يەتتى.

  29-مارت شىزاڭنىڭ لاسا شەھىرى موجۇگوڭكا ناھىيەسىدە زور كۆلەملىك تاغ گۆمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسى يۈز بەردى، شىزاڭ ھەربىي رايونىنىڭ جىددىي داۋالاش، قۇرۇلۇش، خەۋەرلىشىش، قاتارلىق قۇتقۇزغۇچى قىسىمى نەق مەيدانغا بېرىپ قۇتقۇزدى، 31-مارت كەچكىچە شىزاڭ ھەربىي رايونىدا تۇرۇشلۇق قىسىم 2 مىڭدىن ئارتۇق قۇتقۇزغۇچى خادىم ئاجراتتى، تۈرلۈك ئەسلىھە ۋە ماشىنىدىن 200 نەچچىنى سەپلىدى، يۈزدىن ئارتۇق ئاممىنى تارقاقلاشتۇردى ۋە يۆتكىدى، قۇتقۇزۇش نۇقتىسىدىن 4نى ئاچتى، 32 چېدىر يۆتكىدى ۋە قۇردى، ئىئانە قىلىنغان چېدىر، يوتقان كۆرپە قاتارلىق تۈرلۈك ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيالىرى 5 مىڭدىن ئاشتى، 3 كىلومېتىر تاشيول رېمونت قىلىنىپ ئېچىلدى، نۆۋەتتە ئاپەت رايونىنىڭ تەرتىپى مۇقىم، قۇتقۇزۇش خىزمىتى يەنىلا جىددىي ئېلىپ بېرىلماقتا، شىزاڭ ھەربىي رايونىنىڭ قۇتقۇزغۇچى خادىملىرى كېچىلەپ شىۋىرغانغا قارىماي قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە ئاتلاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە