باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

چاۋشيەن ئىقتىسادى قۇرۇلۇش ۋە يادرو قورالى قۇرۇلۇشىنى تەڭ يولغا قويۇشنى قارار قىلدى

2013.04.02 13:36         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيەسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ ئومۇمىي يىغىنى تۈنۈگۈن پىيۇڭياڭدا ئۆتكۈزۈلدى، يىغىندا «ئىقتىسادى قۇرۇلۇش بىلەن يادرو قورالى قۇرۇلۇشىنى تەڭ ئېلىپ بېرىش» قارار قىلىندى.

  چاۋشيەن مەركىزى ئاگېنتلىقى شۇ كۈنى ئېلان قىلغان يىغىن ئاخباراتىغا قارىغاندا، چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جۇڭئۇن يىغىندا: ئامېرىكا داۋاملىق يادرو تەھدىتى سېلىۋاتىدۇ، شۇڭا چاۋشيەننىڭ يادرو قورالىنى سۈپەت ۋە سان جەھەتتىن كۈچەيتىشى زۆرۈر دېگەن.

  ئومۇمىي يىغىندا مۇنۇلار قارار قىلىندى: ھازىرقى ۋەزىيەت ۋە چاۋشيەن ئىنقىلابى تەرەققىياتىنىڭ تەلىپى بويىچە، چاۋشيەن «ئىقتىسادى قۇرۇلۇش بىلەن يادرو قورالى قۇرۇلۇشىنى تەڭ ئېلىپ بارىدۇ»، ئۆزىنى قوغداش خاراكتېرلىك يادرو قورالىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، دۆلەتنىڭ موداپىئە ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش بىلەن بىرگە ئىقتىسادى قۇرۇلۇشىقا زور كۈچ سەرپ قىلىدۇ، بۇ ئۇزاق مۇددەتلىك ئىستراتېگىيىلىك لۇشيەن.

  ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق دېيىلدى: چاۋشيەن ئۆزىنىڭ يادرو ئېنېرگىيىسى سانائىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېنىك سۇ رېئاكتورى قۇرۇلۇشىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېلېكتر جىددىيلىكىنى پەسەيتىدۇ. چاۋشيەن يەنە ئالەم پەن-تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، خەۋەرلىشىش سۈنئىي ھەمراھىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سۈنئىي ھەمراھلارنى تەتقىق قىلىپ چىقىدۇ ۋە قويۇپ بېرىدۇ. چاۋشيەن يەنە ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئىقتىسادنىڭ يېتەكچىلىك ئورنىنى ياخشىلاپ، ئىقتىسادنى باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە