- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


شىنجاڭنىڭ 2013-يىللىق ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىنى بېكىتىش خىزمىتى 4-ئايدا باشلىنىدۇ
2013.04.02 13:40 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە ، شىنجاڭنىڭ 2013-يىللىق ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىنى بېكىتىش خىزمىتى 4-ئايدا باشلىنىدىكەن .
شىنجاڭدا ھەر يىللىق بېكىتىش خىزمىتىنىڭ تورىنى ئېچىش ۋاقتى بىردەك باھار پەسلىدە 4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 7-ئاينىڭ 10-كۈنىگىچە ، كۈزدە 9-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 11-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە بولىدىكەن .بېكىتىش دائىرىسى دۆلەتنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيە يېشىغا توشمىغان ، ‹‹ ئوقۇتقۇچىلار قانۇنى ›› دا بەلگىلەنگەن ئوقۇش تارىخى شارائىتى مۇۋاپىق كېلىدىغان خادىملار بولۇپ ، ئۇنىڭ ئىچىدە ھەر دەرىجىلىك ، ھەر تۈرلۈك مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش ئورۇنلىرىدا خىزمەت قىلىۋاتقان ئىشتاتلىق مەخسۇس ئوقۇتقۇچىلار، 2013-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەر پېداگوگىكا مائارىپى تۈرىدىكى ، غەيرىي پېداگوگىكا مائارىپى تۈرىدىكى مەكتەپلەرنىڭ بۇ يىلقى ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلار ۋە شەرتكە ماس كېلىدىغان ئىجتىمائىي خادىملارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن .
ئىگىلىنىشىچە ، ئوتتۇرا ، باشلانغۇچ مەكتەپلەر ۋە يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ سالاھىيەت ئىمتىھان نەتىجىسى مەملىكەت دائىرىسىدە كۈچكە ئىگە بولىدىكەن . ئومۇمەن ، مائارىپ مىنىستىرلىقى ئىمتىھان مەركىزى تارقاتقان ‹‹ئوتتۇرا ، باشلانغۇچ مەكتەپلەر ۋە يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ سالاھىيەت ئىمتىھان لاياقەتلىك ئىسپاتى ›› بار بولغان ئىلتىماس قىلغۇچىلار ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىنى بېكىتىشكە ئىلتىماس قىلغاندا ، يەنە ئاپتونوم رايوننىڭ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىنى بېكىتىشتە زۆرۈر بولغان ئىمتىھانلارغا قاتناشمىسىمۇ بولىدىكەن . يېزىقچە ئىمتىھاندىكى پەن تۈرلىرىدە لاياقەتلىك بولغانلار ئاپتونوم رايون بېكىتكەن غەيرىي پېداگوگىكا تۈرىدىكى خادىملار مائارىپ ئىلمى ، پىسخىكا ئىلمى ئىمتىھانىغا قاتناشمىسىمۇ بولىدىكەن . ئۇلار بىۋاسىتە ئاپتونوم رايون ۋە ھەرقايسى ۋىلايەت ، ئوبلاستلار تەشكىللىگەن مائارىپ ئوقۇتۇش ئىقتىدار سىناش ئىمتىھانىغا قاتناشسا بولىدىكەن .
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە