باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى-سانجى چېگرىسىدا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە 2792 ئادەم ئاپەتكە ئۇچرىدى

2013.04.02 13:41         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  31-مارت ، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە ، 30-مارت سائەت 18:30 گە قەدەر ، ئۈرۈمچى-سانجى چېگرىسىدا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە سانجى شەھىرى ، قۇتۇبى ناھىيەسى ، ئۈرۈمچى ناھىيەسىدىن جەمئىي 2792 ئادەم ئاپەتكە ئۇچرىغان ، 55 ئادەم بىخەتەر جايلارغا جىددىي يۆتكەلگەن ، بىر ئېغىز ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ، 44 ئېغىز ئۆي ئېغىر دەرىجىدە ، 1321 ئېغىز ئۆي يېنىك دەرىجىدە بۇزۇلغان ، ئادەملەر يارىلىنىش ، قازا قىلىشتەك ئەھۋاللار كۆرۈلمىگەن ، ئاپەت كەلتۈرۈپ چىقارغان بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىيان 12 مىليون 370 مىڭ يۈەن بولغان .

  يەر تەۋرەش يۈز بەرگەندىن كېيىن ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى شاۋكەت ئىمىن ، ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جارۇللا ھېسامىدىن قاتارلىق رەھبەرلەر مۇھىم كۆرسەتمە بېرىپ ، تارماقلاردىن يەر تەۋرەش ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇش-ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇشنى ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلغان .

  ئاپەت يۈز بەرگەندىن كېيىن ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى يەر تەۋرەش ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇش-ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە قارىتا ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىپ ، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ئاپەت ئەھۋالىنى دوكلات قىلغان ، شۇنداقلا ئاپەت يۈز بەرگەن رايونلارغا ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ ، ئاپەت ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى بىخەتەر جايلارغا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش-ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنى قانات يايدۇرغان . بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، 24 سائەت ئۇچۇر مەلۇم قىلىش ۋە دىجۇرنىلىق تۈزۈمىنى تۇرغۇزۇپ ، ئاپەت ئەھۋالىنى ۋە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ تۇرغان .

  سانجى ئوبلاستى دەرھال 4-دەرىجىلىك ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش جىددىي ئەھۋال لايىھەسىنى قوزغىتىپ ، خەلق ئىشلىرى ، يەر تەۋرەش ، شۇنداقلا قۇرۇلۇشقا مۇناسىۋەتلىك تارماقلاردىن تەشكىللەنگەن ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمەت ئەترىتىنى تەشكىللەپ، ئاپەت يۈز بەرگەن رايونلارنىڭ ئاپەت ئەھۋالىنى ئىگىلىگەن ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى بىخەتەر جايلارغا جىددىي يۆتكەپ، ئۇلارنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغان ، ئاپەت يۈز بەرگەن رايونلارغا دەرھال 250 چېدىر ، 1400 يۈرۈش يوتقان-كۆرپە ، ئۇن ، گۈرۈچ ، ماي ۋە ئىچىملىك سۇ قاتارلىقلارنى يەتكۈزۈپ بەرگەن .

  نۆۋەتتە، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ يېمەك-ئىچمەك ، تۇرالغۇ قاتارلىق ئاساسىي تۇرمۇشى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇلغان ، شۇنداقلا ئاپەت يۈز بەرگەن رايوننىڭ سۇ ، توك ، خەۋەرلىشىش، قاتناش ئىشلىرى نورماللاشقان بولۇپ، تۈرلۈك قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىۋېتىپتۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە