- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


سالام لىۋاننىڭ يېڭى باش مىنىستىرى بولدى
2013.04.08 17:20
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 7-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:لىۋان پرېزىدېنتى سۇلايمان تۈنۈگۈن بېيرۇتتا پارلامېنت ئەزاسى سالامنى لىۋاننىڭ يېڭى باش مىنىستىرلىقىىغا تەيىنلىدى.
لىۋان پرېزىدېنتى مەھكىمىسى ئاخبارات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: سۇلايمان لىۋان پارلامېنتىنىڭ كېڭىشىش نەتىجىسىگە ئاساسەن، سالامغا يېڭى بىر نۆۋەتلىك لىۋان ھۆكۈمىتىنى تەشكىللەشنى ھاۋالە قىلدى.
سالام ئاندىن كېيىن پرېزىدېنت مەھكىمىسىدە تاراتقۇلارغا مۇنداق دېدى: مەن دۆلەتنىڭ مەنپەئەتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ھۆكۈمەت تەشكىللەپ، لىۋان خەلقىگە بىخەتەرلىك ۋە مۇقىملىق ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىمەن. ئۇ مۇنداق دېدى: لىۋاندىكى ھەرقايسى گۇرۇھ رەھبەرلىرى بىلەن بىرگە كېڭىشىپ، يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ ۋەزىپىسى ۋە ھازىرقى باسقۇچتا ئالدىن ھەل قىلىدىغان مەسىلىلەرنى بېكىتىمەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە