باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

بان كىمون چاۋشيەننى يېرىم ئارالنىڭ تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا دەۋەت قىلدى

2013.04.07 11:25         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 5-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:ئىسپانىيەدە زىيارەتتە بولىۋاتقان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كىمون 4-ئاپرېل: چاۋشيەن دائىرىلىرىنىڭ يېرىم ئارالنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۇساپىسىغا تەشەببۇسكار ۋە ئىجابىي قاتنىشىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئالاقىدار ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ بىرلىكتە تىرىشىپ سۆھبەتلىشىپ، جىددىي ۋەزىيەتنى پەسەيتىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.

  بان كىمون مۇنداق دېدى: يېرىم ئارالنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى جىددىيلىشىپ كەتتى، ۋەزىيەتكە بولغان ھەر قانداق خاتا ھۆكۈم ناھايىتى ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلىدۇ. چاۋشيەننىڭ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىپ، ئۆزىنى تۇتىۋېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  بان كىمون مۇنۇلارنى بىلدۈردى: چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكى رايونغا غايەت زور تەسىر كۆرسىتىدۇ، مەن ئالاقىدار ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ بىرلىكتە تىرىشىپ، نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتكە سوغۇققانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، ساقلانغان مەسىلىلەرنى سۆزلىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە