- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


تىرىك قۇش بازارلىرىدىكى H7N9 قۇش زۇكىمى ۋىرۇسىنى تەكشۈرۈش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولدى
2013.04.08 15:48 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى خەۋەردە مۇنداق دېيىلىدۇ: نۆۋەتتە، مەملىكەت بويىچە قۇشلاردىكى H7N9 زۇكىمى يۇقۇمى ھەم ۋىرۇسى تەكشۈرۈلمەكتە. بولۇپمۇ شاڭخەي، ئەنخۇي، جياڭسۇ، جېجياڭدىن ئىبارەت قۇش زۇكىمى بىلەن يۇقۇملانغان ئادەملەر بايقالغان جايلاردىكى بىمارلار تۇرۇشلۇق ئورۇنلار ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جايلاردىكى تىرىك قۇش بازارلىرى، باقمىچىلىق مەيدانلىرى، باقمىچىلىق ئائىلىلىرى، ياۋا قۇشلاردىن مەركەزلىك 11 مىڭدىن ئارتۇق ئەۋرىشكە ئېلىندى.
دۆلەتلىك قۇش زۇكىمى تەجرىبىخانىسى جايلار ئەۋەتكەن ئەۋرىشكىلەرنى تەكشۈرۈپ تەھلىل قىلىپ، 20 خىل ئەۋرىشكىدىكى H7N9 قۇش زۇكىمى ۋىرۇسىنىڭ مۇسبەت ئىكەنلىكىنى تەكشۈرۈپ چىقتى، بۇلارنىڭ ھەممىسى شاڭخەيدىكى تىرىك قۇش بازىرىدىن كەلگەن. مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ قارىدى: H7N9 قۇش زۇكىمى ۋىرۇسىنىڭ تىرىك قۇش بازارلىرىدىكى تەكشۈرۈش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولدى، باقمىچىلىق مەيدانلىرىدىن بايقالمىدى، لېكىن تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك تەكشۈرۈشنىڭ مۇمكىنچىلىكىنى يوققا چىقىرىشقا بولمايدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە