باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11–نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى بىرقانچە بەلگىلىمىسى(1)

2013.04.03 11:00         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

   (2013 – يىل 3 – ئاينىڭ 29 – كۈنى سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 1 – يىغىنىدا ماقۇللاندى)

  سىياسىي كېڭەش نىزامنامىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، دائىمىي كومىتېت سىياسىي كېڭەشنىڭ يىغىن ئىشلىرىغا رىياسەتچىلىك قىلىدۇ، سىياسىي كېڭەش ئومۇمىي يىغىنى يېپىق مەزگىلىدىكى تۈرلۈك پائالىيەتلەرگە مەسئۇل بولىدۇ، سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى – سىياسىي كېڭەش خىزمىتىدىكى يادرولۇق كۈچتۇر. سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ رولىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى ۋارىسلىق قىلىش جەريانىدا راۋاجلاندۇرۇپ، راۋاجلاندۇرۇش جەريانىدا يېڭىلىق يارىتىپ، سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىش ئۈچۈن ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتى ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا تۆۋەندىكىچە بەلگىلىمە چىقاردى.

  1 . پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي كېڭەش خىزمىتىدە قەتئىي، توغرا سىياسىي يۆنىلىشكە باشتىن – ئاخىر كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مۇھىم ئالدىنقى شەرتى ۋە تۈپ كاپالىتى. دائىمىي كومىتېت جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈشنى باشتىن – ئاخىر سىياسىي كېڭەش فۇنكسىيەسىنى ئادا قىلىشنىڭ تۈپكى سىياسىي ۋەزىپىسى قىلىپ، كومپارتىيە رەھبەرلىكىدە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا مۇستەھكەم مېڭىپ، قەتئىي، توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، خەلق سىياسىي كېڭىشىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشتەك ئورتاق ئىدىيەۋى سىياسىي ئاساسىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ رەھبەرلىكىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ قارار، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئىجرا قىلىپ، ئۆزگىرىش ياساش، مەسئۇلىيەتنى دادىللىق بىلەن زىممىسىگە ئېلىش، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىشنى سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنىڭ ئاساسىي مېلودىيەسى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ تەشەببۇسىنى دېموكراتىك پارتىيە – گۇرۇھلار، خەلق تەشكىلاتلىرى ۋە ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكى زاتلارنىڭ ئورتاق تونۇشى ۋە ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. چوڭ ئىشلار، مۇھىم خىزمەتلەردە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومدىن يوليورۇق سوراش، دوكلات قىلىش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ يىللىق ياكى باسقۇچ خاراكتېرلىك خىزمەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇرغان، فۇنكسىيە ئادا قىلىشتىكى زور پائالىيەتلەرنى تەشكىللىك قانات يايدۇرغان ياكى زور ئىشلارغا يولۇققاندا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومغا دوكلات قىلىپ، پارتكومنىڭ قوللىشى ۋە كۆڭۈل بۆلۈشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، پارتكوم بىلەن ئىدىيەدە بىر نىيەت – بىر مەقسەتتە، نىشاندا بىر نىيەت – بىر يۆنىلىشتە، ھەرىكەتتە بىر نىيەت – بىر يولدا بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.
【1】 【2】 【3】 【4】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە