خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئاپرېل خەينەن بوئاۋدىن بەرگەن خەۋىرى: بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ 2013-يىللىق يىغىنى 7-چېسلا چۈشتىن بۇرۇن خەينەن ئۆلكسىنىڭ بوئاۋ بازىرىدا باشلاندى. شى جىنپىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە باش مەقسەتلىك سۆز قىلدى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئورتاق تەرەققىي قىلىش سىجىل تەرەققىي قىلىشنىڭ مۇھىم ئاساسى. بىز تەقدىرداشلىق ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، دەۋر ئېقىمىغا ماسلىشىپ، توغرا يۆنىلىشنى ئىگىلەپ، جاپا-مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاسىيا ۋە دۇنيانىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز لازىم.(لۈ يەنسۇڭ، چېن ۋېيگۇاڭ، جاڭ نيەنشېڭ، دۇ شاڭزې خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)