باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ۋاڭ يى چاۋشيەن يېرىم ئارىلى ۋەزىيىتى توغرىسىدا توختىلىپ، جۇڭگونىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا چاتاق تېرىشقا يول قويمايمىز، دېدى

2013.04.07 16:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا تورىنىڭ 6-ئاپىرىل خەينەندىن بەرگەن خەۋىرى، دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى 6-چېسلا كەچتە تەكلىپكە بىنائەن ب د ت نىڭ باش كاتىپى بانكىمون بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

ۋاڭ يى مۇنداق دېدى: «جۇڭگو چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ جىددىي ۋەزىيىتىگە كەسكىن دىققەت قىلىدۇ. بىزنىڭ مەيدانىمىز ناھايىتى روشەن، يەنى ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر سۆھبەت ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، يېرىم ئارالنى يادروسىزلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش، يېرىم ئارالنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. چاۋشيەن يېرىم ئارىلىغا جۇڭگو زېمىنغا تۇتىشىدۇ. بىز ھەرقانداق بىر تەرەپنىڭ بۇ رايوندا ئىغۋاگەرچىلىك قىلىشىغا قارشى تۇرىمىز، جۇڭگونىڭ دەرۋازىسى ئالدىدىلا چاتاق تېرىشىغا يول قويمايمىز».


بانكىمون مۇنداق دېدى: «چاۋشيەن يېرىم ئارىلى ۋەزىيىتىنىڭ جىددىيلەشكەنلىكىگە دىققەت قىلدىم ۋە بۇنىڭدىن ئەنسىرىدىم. ۋەزىيەتنىڭ تىزدىن ئەسلىگە كېلىپ، كونتروللۇقنى يوقىتىپ قويۇشتىن ساقلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى جۇڭگو ۋە ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن بولغان ئالاقىنى ساقلاشنى خالايدۇ».

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە