باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مائارىپ

مائارىپ مىنىستىرلىقى: مائارىپ سىستېمىسى ئىچىدىكى «ناچار»لار چوڭلار ئالىي مائارىپى ئىمتىھانىنىڭ سوئالىنى ئاشكارىلىۋەتكەن

66 ئادەم قولغا ئېلىندى

2013.03.28 15:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇقتۇرۇش قىلىشى، ج خ ئورگىنىنىڭ تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىچە، خېبېي ئۆلكىلىك مائارىپ-ئىمتىھان ئورنىنىڭ خىزمەتچىسى لياڭ چىڭلې بىر ئىجتىمائىي تەربىيەلەش ئاپپاراتىنىڭ مەسئۇلى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، ئۆتكەن يىل 10-ئايدىكى مەملىكەتلىك چوڭلار ئالىي مائارىپى ئىمتىھانى مەزگىلىدە يۈز بەرگەن مەخپىيەتلىكنى ئوغرىلاش دېلوسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇ دېلو ئۆتكەن يىل 1-ئايدا ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىنىڭ سوئالى ئاشكارىلىنىش دېلوسى يۈز بېرىپ 10 ئايدىن كېيىن قايتا يۈز بەرگەن، مائارىپ سىستېمىسى ئىچىدىكى «ناچارلار» كەلتۈرۈپ چىقارغان سوئال ئاشكارىلىنىش دېلوسىدۇر.

  ئۆتكەن يىل 10-ئاينىڭ 13-، 14-كۈنى، يەنى مەملىكەتلىك چوڭلار ئالىي مائارىپى ئىمتىھانى مەزگىلىدە، ئىمتىھاندىن ئىككى كۈن بۇرۇن ئىمتىھانغا قاتنىشىدىغان نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ئىمتىھان جاۋابىغا ئوخشاپ كېتىدىغان بىر مەزمۇن تارقالغان. ج خ مىنىستىرلىقى مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ماسلىشىشى ئارقىسىدا سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق ساقچى تەرەپ رازۋېدكا قىلىپ قولغا چۈشۈرگەن 10 پەن ئىمتىھاننىڭ ئۈلگە جاۋابى بىلەن ئىمتىھان سوئالىنىڭ ئۆلچەملىك جاۋابىنىڭ تامامەن ئوخشاش ئىكەنلىكىنى بېكىتكەن. يېقىندا مائارىپ مىنىستىرلىقى بۇ مەخپىيەتلىكنى ئوغرىلاش دېلوسىنى ۋە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى.

  مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشىدا مۇنداق دېيىلگەن، ئۆتكەن يىللىق چوڭلار ئالىي مائارىپى ئىمتىھانى مەزگىلىدە، مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئىمتىھان باشقۇرۇش تارمىقى ئالاقە تورىدا سىناق ئىمتىھاننىڭ جاۋابىغا ئوخشاش بىر مەزمۇننىڭ تارقىلىۋاتقانلىقىغا ئالاقىدار بىر يىپ ئۇچىنى بايقىغاندىن كېيىن دەرھال ج خ ئورگىنىغا دېلو مەلۇم قىلغان. ج خ ئورگىنى دېلو تۇرغۇزۇپ رازۋېدكا قىلىشقا كىرىشكەن. ھازىر جىنايەت گۇماندارلىرىنىڭ ھەممىسى قولغا ئېلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە