باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى بويىچە ئىككىنچى قېتىملىق ئالمۇتا سۆھبىتى ئۆتكۈزۈلدى

2013.04.07 11:22         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 5-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى بويىچە ئالتە دۆلەت يەنى ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فرانسىيە، رۇسىيە، جۇڭگو ۋە گېرمانىيەنىڭ ئىران بىلەن ئۆتكۈزگەن ئىككىنچى قېتىملىق ئالمۇتا سۆھبىتى 5-ئاپرېل باشلاندى. بۇ قېتىمقى سۆھبەتتە ئاساسلىقى ئىراننىڭ ئالتە دۆلەت ئوتتۇرغا قويغان ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ھەققىدىكى يېڭى تەكلىپىگە قايتۇرغان ئىنكاسى قاتارلىق مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىلىدۇ.

  بۇ قېتىمقى سۆھبەت ئىككى كۈن ئۆتكۈزۈلىدۇ، يەنىلا يېپىق شەكىلدە داۋاملىشىدۇ. ئىران ۋەكىللەر ئۆمىكىگە ئىراننىڭ ئالىي دۆلەت بىخەتەرلىكى كومىتېتىنىڭ كاتىپى، تۇنجى يادرو سۆھبىتى ۋەكىلى جەلىل باشچىلىق قىلدى. ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ دىپلوماتىيە ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى بويىچە يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىلى ئاشتون ئۆمەك باشلاپ قاتناشتى. ئاشتون بۇندىن بۇرۇن ئەنقەرەدە ئىراننىڭ ئالتە دۆلەتنىڭ يېڭى تەكلىپىگە ئېنىق ئىنكاس قايتۇرۇشىنى مۇراجىئەت قىلغان ئىدى.

  ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى ئالمۇتا سۆھبىتى باشلاندى

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە