باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>سۈرەتلىك خەۋەرلەر

كۇۋەيت ئالتە يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم مەھبۇسلارغا ئۆلۈم جازاسى بەردى (1)

2013.04.03 15:43         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەنگىلىيە ‹‹كۈندىلىك پوچتا گېزىتى ›› نىڭ 1-ئاپرېل كۇۋەيت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە، كۇۋەيت ھۆكۈمىتى 1-ئاپرېل ئۈچ نەپەر قاتىلغا ئۆلۈم جازاسى بەرگەن ، بۇ كۇۋەيتنىڭ 2007-يىلىدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈمىنى ئىجرا قىلىشى ئىكەن .

  بۇ ئۈچى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئۈچ قېتىملىق قەستلەپ ئۆلتۈرۈش دېلوسىدىكى قاتىللار بولۇپ، بىرى پاكىستانلىق ، بىرى سەئۇدىلىق، يەنە بىرىنىڭ دۆلەت تەۋەلىكى يوق ئىكەن . كۇۋەيت يەرلىك دائىرىلىرى بۇ دۆلەتنىڭ مۇخبىرلىرىنى نەق مەيدانغا كېلىپ ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلىش جەريانىغا شاھىت بولۇشقا تەكلىپ قىلغان ، ئۆلۈم جازاسى كۇۋەيت مەركىزىي تۈرمىسىدە ئىجرا قىلىنغان .

  ‹‹كۈندىلىك پوچتا گېزىتى ›› ئارىدىكى بىر مەھبۇسقا ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن جەرياننىڭ ئىنچىكە ھالقىلىرىنى تەسۋىرلىگەن . خەۋەر قىلىنىشىچە ، ئاۋۋال بۇ مەھبۇسنىڭ ئىككى كۆزى ئېتىلىپ ، قوللىرى باغلانغان ، ئۇ تېخى تەلەپ قىلىپ بىر تال تاماكىمۇ چېكىۋالغان . ئارقىدىن باشقا ئىككى مەھبۇس بىلەن بىللە دار سۇپىسىغا ئېلىپ چىقىلىپ ، بوينىغا سىرتماق سېلىنغان ، ئارقىدىن ئۇلار دەسسەپ تۇرغان تاختاي ئىشىك ئېچىۋېتىلگەن .... مانا بۇ كۇۋەيت ئۇسلۇبىدىكى ئۆلۈم جازاسى .

  خەۋەردە دېيىلىشىچە ، كۇۋەيت ئالتە يىلنىڭ ئالدىدا پاكىستانلىق بىر زەھەر ئەتكەسچىسىگە ئۆلۈم جازاسى بەرگەن ئىكەن .
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە