يەكەنگە كىلىپ قاراسۇغا كەلمەي قالسڭىز، بۇ قېتىملىق سەپىرىڭىزنىڭ بىر يەرلىرى كامدەك بولۇپ قالىدۇ. قاراسۇ يېزىسى يەكەن ناھىيەسىنىڭ شەرقىدىكى 28 كىلومېتىرلىق جايغا جايلاشقان بولۇپ، شەرقتە تەكلىماكان قۇملۇقى، قاغىلىق ناھىيەسى، مەكىت ناھىيەسى بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدۇ، قاراسۇ مەنزىرە رايونى شەرقتىن غەربكە ئومۇمىي ئوزۇنلۇقى 67 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا كەڭلىكى 40 كىلومېتىر بولۇپ، كۆلىمى 508 كۋادرات كىلومېتىر كىلىدۇ.
قاراسۇ يېزىسىدا دېھقانچىلىق ئىشلىرى سەل سىلكىگەن ۋاقىتلاردا دېھقانلارنىڭ تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋەكلىرىدە مەشرەپ ئويناپ، ئىت تالاشتۇرۇپ، بالىلارنىڭ قۇملۇقتا توپ تېپىۋاتقان كۆرۈنۈشىنى دائىم كۆرگىلى بولىدۇ.