- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


سوغۇق ھاۋا بۈگۈندىن باشلاپ شىمالدىكى كۆپ قىسم جايلارغا تەسىر قىلىدىكەن
چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبىي رايونلىرىدا تېمپىراتۇرا داۋاملىق تۆۋەنلەيدىكەن
2013.04.07 16:11 مەنبە: خەلق تورى
مەركىزىي مېتىئورولوگىيە ئىستانىسىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، 7-چېسلادىن باشلاپ، ئوتتۇراھال دەرىجىلىك سوغۇق ھاۋا ئېقىمى ئېلىمىزنىڭ غەربىي شىمالىدىن شەرققە سۈرۈلۈپ، ئاندىن جەنۇبقا يۆتكىلىدىكەن، غەربىي شىمالنىڭ شەرقى قىسىمىدىن چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ شىمالىغىچە بولغان رايونلاردا تېمپىراتۇرا تۆۋەنلەيدىكەن. مۆلچەرلىنىشىچە، 6-چېسلا كېچىدە چاڭجياڭ ۋە خۇەيخې دەريالىرىنىڭ شەرقىي قىسىمى، چاڭجياڭ دەرياسى جەنۇبىي رايونىنىڭ شەرقىي قىسىمى ۋە جەنۇبىي جۇڭگونىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا تېمپىراتۇرا داۋاملىق تۆۋەنلەيدىكەن، جياڭسۇ، ئەنخۇينىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا 7-چېسلا ئەتىگەنكى تېمپىراتۇرا ئەڭ تۆۋەن بولغاندا ℃3~1 قا قەدەر چۈشىدىكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە