باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ھەربىي ئاپتوموبىللارنىڭ يېڭىچە نومۇر تاختىسىنى1–مايدىن باشلاپ ئىشلىتىشنى تەستىقلىدى

2013.04.03 15:51         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرىمىزنىڭ پۈتۈن ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ھەربىي ئاپتوموبىللىرىنىڭ يېڭىچە نومۇر تاختىسىنى ئالماشتۇرۇپ، ھەربىي ئاپتوموبىللارنى قاتتىق باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش تېلېۋىزىيەلىك تېلېفون يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت پۈتۈن ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ھەربىي ئاپتوموبىللىرىنىڭ 1 – مايدىن باشلاپ يېڭىچە نومۇر تاختىسىنى ئىشلىتىشىنى تەستىقلىغان.

  مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى، باش ئارقا سەپ بۇسىنىڭ باشلىقى جاۋ كېشى زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: ئارمىيە بىلەن يەرلىكنىڭ بىرلەشمە خىزمەت قىلىش ۋە ماسلىشىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، ساختا ھەربىي ئاپتوموبىل نومۇر تاختىسىنى ياساش، سېتىش، ئىشلىتىشكە زەربە بېرىش سالمىقىنى كۈچەيتىپ، ھەربىي ئاپتوموبىللىرىنى باشقۇرۇشتا ساقلانغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى يىلتىزىدىن تۈزەش كېرەك، دېدى.

  ‹‹2012 – يىل›› تىپتىكى ھەربىي ئاپتوموبىل نومۇر تاختىسى 2013 – يىل 5 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي ئىشلىتىلىدۇ، ‹‹2004 – يىل›› تىپتىكى ھەربىي ئاپتوموبىل نومۇر تاختىسى 2013 – يىل 4 – ئاينىڭ 30 – كۈنى بىكار قىلىنىدۇ. بۇ قېتىم يېڭىچە ھەربىي ئاپتوموبىل نومۇر تاختىسىنى ئالماشتۇرۇشتا ئاساسلىقى ‹‹ياسىۋېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، قالايمىقان تارقىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، قالايمىقان سىزىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، يىتىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئوغرىلىقچە ئىشلىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش›› قاتارلىق ‹‹بەش ئالدىنى ئېلىش›› تەلىپى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈش ئارقىلىق قاتتىق ئۆلچەملەشكەن باشقۇرۇش تەرتىپى ھەقىقىي ئورنىتىلىپ، ئارمىيەنىڭ ياخشى ئوبرازى ئۈنۈملۈك قوغدىلىدۇ. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە