باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنى قورال ياراق سودىسى شەرتنامىسىنى ماقۇللىدى

2013.04.03 16:04         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  67-نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنى 2- ئاپرېل ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق، مۇنتىزىم قۇرال ياراق خەلقئارا سودىسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا تەدبىقلىنىدىغان قورال ياراق سودا شەرتنامىسىنى ماقۇللىدى.

  شۇ كۈندىكى ئاۋاز بېرىشتە، ئىران، چاۋشيەن ۋە سۇرىيە قارشى ئاۋاز بەردى، جۇڭگو ، رۇسىيە ، ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەر ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىدىن ۋاز كەچتى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ماقۇللانغاندىن كىيىن، قۇرال ياراق سودا شەرتنامىسى 6-ئاينىڭ 3-كۈنىدىن باشلاپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نىيۇيوركتىكى باش ئورگىنىدا بارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئىمزالىشىغا ئېچىۋېتىلىدۇ، بۇ شەرتنامىگە ئاز دېگەندە 50 دۆلەت ئىمزا قويسا ۋە تەستىقلىسا ھەمدە ئىمزا قويغۇچى 50 دۆلەت تەرتىپ بويىچە تەستىقنامىنى سۇنغان 90 كۈندىن كىيىن رەسمىي كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە