باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ سۇرىيە تەۋەسىدىكى قانلىق توقۇنۇشقا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن تېرىشىشى مۇراجىئەت قىلىندى

2013.04.03 16:03         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مىسىردا زىيارەتتە بولىۋاتقان ئىراننىڭ مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى ھۈسەيىن ئەمىر ئابدۇللاھىيان 1-ئاپرېل قاھىرەدە، بارلىق خەلقئارا، رايون ۋە سۇرىيەنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى كۈچلەرنىڭ نۆۋەتتە سۈرىيە تەۋەسىدىكى قانلىق توقۇنۇشقا پۈتۈن كۈچى بىلەن خاتىمە بېرىشنى ئۈمىد قىلدى.

  ئابدۇللاھىيان سۇرىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ئۆكتىچىلەرنىڭ يارىشىشى ۋە ئەركىن سايلام ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق سۇرىيە كىرىزىسىنى ھەل قىلىشىنى مۇراجىئەت قىلدى ھەمدە سۇرىيەدىكى بارلىق گۇرۇھلارنى زوراۋانلىق توقۇنۇشقا دەرھال خاتىمە بېرىشكە دەۋەت قىلدى.

  ئۇ ئىراننىڭ ئىبراھىمنىڭ سۇرىيە كىرىزىسىنى ھەل قىلىش جەھەتتىكى تىرىشچانلىقىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى، بىراق سۇرىيە ئۆكتىچىلىرى بىلەن ئىنقىلاب كۈچى مەملىكەتلىك ئىتتىپاقىغا ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئەزالىق سالاھىيىتىنى بېرىش ئىستراتېگىيەلىك خاتالىق دەپ ھېسابلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە