باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جۇڭگو ئاسىيا–ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ ‹‹بوسۇغىسى››ئېگىزلىتىلىدۇ

2013.04.03 15:50         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم، پىراكتىكانت پاتىگۈل ھېكىمنىڭ 28 – مارت ئاپتونوم رايونلۇق كۆرگەزمە ئىشلىرى ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل سېنتەبىردە ئۆتكۈزۈلىدىغان 3 – نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا – ياۋروپا كۆرگەزمىسىدىن باشلاپ، كۆرگەزمىگە قاتنىشىدىغان كارخانىلارغا قويۇلىدىغان تەلەپ ئۆستۈرۈلۈپ، كۆرگەزمىنىڭ ‹‹بوسۇغىسى›› يەنىمۇ ئېگىزلىتىلىدىكەن شۇنداقلا كۆرگەزمىدە تەسىس قىلىنىدىغان ھەر قايسى يايما رايونلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىمۇ مۇۋاپىق تەڭشىلىپ، كۆرگەزمىنىڭ كۆلىمى ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىلىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، ئىلگىرىكى ئىككى نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا – ياۋروپا كۆرگەزمىسىدە شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە ئالتە يايما رايونى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىدىن باشلاپ، ئەسلىدىكى ئالتە يايما رايونى تۆتكە تەڭشىلىدىكەن. تەڭشەلگەندىن كېيىنكى يايما رايونلىرى خەلقئارا ۋە شياڭگاڭ – ئاۋمېن يايما رايونى، تاۋار سودىسى يايما رايونى(كەسپىي يايما رايونى)، مەبلەغ سېلىش ۋە ھەمكارلىق يايما رايونى (ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ يايما رايونى ھەم قېرىنداش ئۆلكە – شەھەرلەرنىڭ يايما رايونى) ۋە يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر ھەم مۇلازىمەت – سودا يايما رايونى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىدە زال سىرتى يايما رايونى داۋاملىق تەسىس قىلىنىدىغان بولۇپ، زال سىرتى يايما رايونىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 89 مىڭ كىۋادرات مېتىردىن ئاشىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە