باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

4-نۆۋەتلىك 20 دۆلەت گۇرۇھى پارلامېنت باشلىقلىرى يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

2013.04.07 11:21         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 5-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:ئىككى كۈن ئۆتكۈزۈلىدىغان 4-نۆۋەتلىك 20 دۆلەت گۇرۇھى پارلامېنت باشلىقلىرى يىغىنى تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن مېكسىكىنىڭ پايتەختى مېكسىكا شەھىرىدە ئېچىلدى. بۇ نۆۋەتلىك يىغىندا پۇل مۇئامىلە سىستېمىسى ئىسلاھاتى، چېرىكلىككە زەر بېرىش، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، سودا تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇش، ئاشلىق بىخەتەرلىكى ھەمدە خام ماتېرىياللارنىڭ باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇش قاتارلىق نۆۋەتتىكى دۇنياۋى قىزىق نوقتۇلۇق مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇنازىرە ئېلىپ بېرىلىدۇ.

  20دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا 15 دۆلەتنىڭ پارلامېنت باشلىقىلىرى ۋە يىغىن ۋەكىللىرى بۇ نۆۋەتلىك يىغىنغا قاتناشتى. بۇندىن باشقا، يىغىننى ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپ يەنە چىلى، كولومبىيە، ئىسپانىيەنىڭ پارلامېنت ۋەكىللىرى ھەمدە ھەر قايسى دۆلەت پارلامېنتلار ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى رادىنى يىغىنغا قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلدى. جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ پىڭ ئۆمەك باشلاپ يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە