- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


چاۋشيەن ئامېرىكىنى كورىيەگە قورال ئورۇنلاشتۇردى دەپ ئەيىبلىدى
2013.04.07 11:26 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 5-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:چاۋشيەن تىنچلىقنى قوغداش مەملىكەتلىك مىللىي كومىتېتىنىڭ باياناتچىسى 4-ئاپرېل سۆز قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ يېقىندا كورىيەگە ئىلگىرى كىيىن بولۇپ يېڭىچە يادرو ئۇرۇش جابدۇقلىرى ئورۇنلاشتۇرۇپ، چاۋشيەن يېرىم ئارىلى ۋەزىيىتىنى ئۇرۇش گىردابىغا ئاپىرىپ قويدى دەپ ئەيىبلىدى.
باياناتچى مۇنداق دېدى: كورىيەنىڭ بوشلۇق، قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىز ساھەسى ئامېرىكىنىڭ يېڭىچە يادرو قورالى جابدۇقلىرى بىلەن توشۇپ كەتتى. باياناتچى سۆزىدە مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: ئامېرىكا كورىيەگە ئىلغار يادرو قورالى ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئۆزىنى كۆرسەتمەكچى، لېكىن ئامېرىكا چوتنى خاتا سوقتى. ئامېرىكىنىڭ بۇ قوراللار ئارقىلىق چاۋشيەننى قورقۇتالىشى مۇمكىن ئەمەس. ئۇ سۆزىدە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ناۋادا ئامېرىكا چاۋشيەنگە قارشى يادرو ئۇرۇشى قوزغىسا، چاۋشيەن كۈچلۈك، توغرا يادرو زەربىسى ئارقىلىق ئۆچ ئالىدۇ. چاۋشيەننىڭ ئۆچ ئېلىش زەربىسى شۇنىڭ بىلەن بىرگە كورىيەگىمۇ قارىتىلىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە