خەلق تورىنىڭ 7-ئاپىرىل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى، 2013-يىللىق بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى 7-چېسلا باشلاندى. جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە باش مەقسەتلىك سۆز قىلدى. مۇنبەر ئېچىلىش مەزگىلىدە، شى جىنپىڭ يەنە كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ مۇھىم ئەربابلىرى، خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن جۇڭگونىڭ دىپلوماتىيە ئىشلىرى «بوئاۋ ۋاقتى»غا قەدەم قويۇپ، يۇقىرى قاتلامدىكىلەر ئۇچرىشىشى كۆپىيىدۇ.