باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مائارىپ

ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانىدا نەتىجىنى دەرىجىگە ئايرىشنى ئىمتىھان نەتىجىسى ئورنىغا قويۇشقا ئىلھاملاندۇرۇلىدۇ

2013.03.27 17:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى، مۇخبىرنىڭ 26-چېسىلا مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، مائارىپ مىنىستىرلىقى بەنگۇڭتىڭى يېقىندا ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ مۇنۇلارنى كۆرسەتكەن، «يۈكنى يەڭگىللىتىش» پائالىيىتى بويىچە مەخسۇس نازارەت قىلىش ۋە تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، مەكتەپ باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇش؛ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا قارىتىلغان باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئوقۇشقا كىرىش تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇش؛ تەربىيەلەش-باشقۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەسىپ تەلەپچانلىقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. مەجبۇرىيەت مائارىپىدىكى مەكتەپلەردە ھەرقانداق شەكىلدىكى ئوقۇغۇچى مەنبەسىنى تاللاش ئىمتىھانى ئالىدىغان، «ئولىمپىك ماتىماتىكىسى» كۇرسى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش شەكلى ئۆزگەرگەن باشقا كۇرسلارنى ئوقۇشقا قۇبۇل قىلىشقا چېتىۋالىدىغان، ھەر خىل مۇسابىقە، دەرىجە ئىمتىھانلىرى، مۇكاپات-گۇۋاھنامىلەرنى مەكتەپكە قۇبۇل قىلىش ئاساسى قىلىۋالىدىغان، ھۆكۈمەت مەكتەپلىرى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا كۇرس ئېچىپ ئەلا ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزىگە تاللىۋالىدىغان قىلمىشلارنى قەتئى مەنئى قىلىش لازىم.

  مائارىپ مىنىستىرلىقى ئاساسىي مائارىپ 1-مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ دىڭخۇا مۇنداق تونۇشتۇردى، مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ يۈكىنى نېگىزىدىن يەڭگىللىتىش ئۈچۈن، ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ئۇنىۋېرىسال ساپا جەھەتتىن باھالاشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەكشۈرۈش-باھالاش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانى نەتىجىسىنى ABCDE بويىچە دەرىجىگە ئايرىپ كۆرسىتىش، نۇقۇل ھالدا ئىمتىھان نەتىجىسى ۋە ئۆرلەپ ئوقۇش نىسبىتىگە قاراپلا ئوقۇتۇش سۈپىتىگە باھا بېرىش خاھىشىنى پەيدىنپەي ئۆزگەرتىشكە ئىلھاملاندۇرۇۋاتىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى ئەلا پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئىمتىھانسىز قوبۇل قىلىش سانىنى كۆپەيتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە