باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ئوتتۇرا ئاسىيا

قازاقىستان دۆلەت ئىچىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ سانىنى ئازايتىدۇ

2013.03.28 13:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورىنىڭ 28-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى. قازاقىستان مائارىپ ۋە پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى باقىت جۇماگولوف 26-مارتتىكى ھۆكۈمەت خىزمىتى يىغىنىدا، كەلگۈسى 2 يىلدا دۆلەت ئىچىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ سانىنى 100 گە چۈشۈرۈشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

  جۇماگولوف مۇنداق دېدى: «ھازىر قازاقىستان دۆلەت ئىچىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ سانى 149 دىن 136 گە چۈشتى. ئەمەلىي ئەھۋال كۆپ قىسىم سودا خاراكتېرىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ، شۇڭا كەلگۈسى 3 يىلدا، بۇ خىل ئالىي مەكتەپلەرنىڭ سانىنى ھازىرقى 66 دىن 30 غا چۈشۈرىمىز.

  جۇماگولوف يەنە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «دۆلەت باشقۇرۇشىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى سەرخىللاشتۇرۇش مۇمكىنچىلىكىنى چىقىرىپ تاشلىمايمىز، بولۇپمۇ زۇڭتۇڭ نەزەربايىف ھەر قايسى رايونلارنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئالىي مەكتەپلەردىكى كەسىپلەرنى سەرخىللاشتۇرۇش توغرىسىدا يوليورۇق بەردى».

  جۇماگولوف مۇنداق دېدى :« كەلگۈسى 2 يىلدا، دۆلەت ئىچىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ سانى 100 گە چۈشۈرىلىدۇ، بۇ بىزنى ئالىي مەكتەپلەر سانى بىلەن نوپۇس نىسبىتىنى تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭ سەۋىيەسىگە يەتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. كەلگۈسىدە، قازاقىستاندىكى كۆپلىگەن رايونلاردا بىردىن دۆلەت باشقۇرۇشىدىكى ئۇنىۋېرسىتېت ۋە بىردىن خۇسۇسىي ئۇنىۋېرسىتېت بولىدۇ.»

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە