- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ناپالېئوننىڭ ئايالىغا تەقدىم قىلغان توي ئۈزۈكى 730 مىڭ ياۋرۇغا سېتىلدى
2013.03.27 13:39 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، ناپالېئون 1796-يىلى ئايالى جوزېفىنغا تەقدىم قىلغان تويلۇق ئۈزۈك مۇشۇ ئاينىڭ 24-كۈنى پارىژنىڭ فونتاينبلۇدا ئۆتكۈزۈلگەن كىمئارتۇق سودىسىدا 730 مىڭ ياۋرو (5 مىليون 837 مىڭ يۈەن خەلق پۇلىغا باراۋەر) لۇق يۇقىرى باھا بىلەن سېتىلغان بولۇپ ، بۇ ئەسلىدىكى باھاسىنىڭ 50 ھەسسىگە توغرا كېلىدىكەن .
خەۋەر قىلىنىشىچە ، دىيامېتىرى 18 مىللىمېتىر كېلىدىغان ساپ ئالتۇن ئۈزۈك 18-ئەسىردە لايىھەلەنگەن بولۇپ ، «سەن ۋە مەن» دەپ نام قويۇلغان . ئۈزۈك بىر دانە ئالماس ۋە نەشپۈت شەكىللىك كۆك ياقۇت بىلەن نەقىشلەنگەن بولۇپ ، شەكلى ئىنتايىن ئۆزگىچە ئىكەن .
ئىگىلىنىشىچە ، 1796-يىلى 2-ئايدا ، 27 ياشلىق ناپالېئون ئۆزىدىن ئالتە ياش چوڭ جوزېفىن بىلەن توي قىلىدىغانلىقىنى جاكارلاپ ، بىر ئايدىن كېيىن توي قىلغان . توي قىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ، ناپالېئون ئىتالىيەدىكى ئالدىنقى سەپكە قايتقان .
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە