باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرى كېڭەش يىغىنى ئاچتى

2013.04.07 14:25         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 6-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرى 5- ئاپرېل كېڭەش يىغىنى ئېچىپ، كورىيە سامسوڭ شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ھىندىستان تاتا گۇرۇھىنىڭ سابىق باش مۇدىرىنى كېڭەش ئەزالىقىغا تولۇقلاپ سايلاشقا قوشۇلدى.

  مۇنبەر كېڭىشى 5- ئاپرېل چۈشتىن كېيىن مۇنۇلارنى قارار قىلدى: سۈي تەييۈەن، مېتىرانىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى توشتى؛ئەزالىق ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشىگە قوشۇلىمىز. ھەمدە ئۇلارنىڭ ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە مۇنبەرنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسىگە رەھمەت ئېيتىمىز. مۇنبەر كېڭىشى يەنە 13 كېڭەش ئەزاسىنى ئۇدا سايلاش، ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى 2016-يىلى 4- ئايغىچە بولىدىغانلىقىغا قوشۇلدى.

  بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ باش كاتىپى جۇ ۋىنجوڭ بۇ يىللىق يىللىق يىغىنغا تەييارلىق كۆرۈش ئەھۋالى، 2012-يىللىق كاتىبات باشقارمىسىنىڭ خىزمىتى، 2013-يىللىق پىلان قاتارلىقلارنى دوكلات قىلدى. كېڭەش 2013-يىللىق خىزمەت پىلانىنى تەستىقلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە