باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ پېرۇ پرىزىدېنتى ئومالا بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى

2013.04.07 14:31         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 6-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 6-ئاپرېل خەينەن ئۆلكىسىنىڭ سەنيا شەھىرىدە پېرۇ پرىزىدېنتى ئومالا بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەت ۋە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان زور مەسىلىلەر ۋە رايون مەسىلىلىرى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ھەققىدە يۈكسەك ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى، جۇڭگو پېرۇ مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىگە يۈكسەلدۈرگەنلىكىنى بىرلىكتە جاكارلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 2009-يىلى پېرۇ لاتىن ئامېرىكىسىدا باشلامچى بولۇپ جۇڭگو بىلەن بىر يۈرۈش ئەركىن سودا كېلىشىمى ئىمزالاپ، لاتىن ئامېرىكىسىدا ئىنتايىن ياخشى ئۈلگىلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلدى. جۇڭگو پىرۇ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشى تەرەققىياتىدىن مەمنۇن. بىز پېرۇ بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ ئىككى دۆلەت ئورناتقان ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيىلىك شېرىكلىك مۇناسىۋەتنى پۇرسەت بىلىپ، جۇڭگو بىلەن پېرۇنىڭ دوستلۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچىمىز.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئىككى دۆلەتنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەر، قانۇن تۇرغۇزۇش ئاپپاراتى، پارتىيە ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىسىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ئارا سۆزلىشىش مېخانىزىمىنى ئورنىتىپ ، ئىشەنچىنى ئاشۇرۇپ، ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرىمىز. ئىككى تەرەپ ئىككى تەرەپلىك ئەركىن سودا كېلىشىمىنى تايانچ قىلىپ، بىر بىرىنى تولۇقلايدىغان ئۈستۈنلۈكلىرىنى تولۇق جارىي قىلدۇرۇپ، سودا قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، سودا كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، يېزا ئىگىلىكى، كان مەھسۇلاتى، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپكە پايدىلىق زور تۈرلەرنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرىدۇ. جۇڭگو بىلەن پېرۇ قەدىمى مەدەنىيەتلىك دۆلەتلەر، ئىككى تەرەپ پائال شارائىت ھازىرلاپ، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ. ئىككى تەرەپ زور خەلقئارا مەسىلىلەردە ئالاقە ۋە ماسلىشىشنى ساقلاپ، ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رامكىسى ئىچىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتىنى بىرلىكتە قوغدىشى كېرەك.

  ئومالا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو پېرۇنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق شېرىكى. پېرۇ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ پېرۇغا مەبلەغ سېلىشىنى قارشى ئالىدۇ. پېرۇ ئىككى دۆلەت خادىملىرىنىڭ ئالاقىسى، مائارىپ، ساياھەت ھەمكارلىقىنى پائال ئىلگىرى سۈرىدۇ، جۇڭگونىڭ پېرۇدا تېخىمۇ كۆپ كۇڭزى ئىنىستىتۇتى ئېچىشىنى قارشى ئالىدۇ. پېرۇ جۇڭگونىڭ خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدىكى رولىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئىككى دۆلەت ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىشلىرىدىكى ئالاقىسى ۋە ماسلاشتۇرۇشنى داۋاملىق ساقلايدۇ. پېرۇ لاتېن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرى ئىچىدىكى تىنچ ئوكيان ئىتتىپاقىنىڭ قۇرغۇچىسى، ئىتتىپاقنىڭ جۇڭگو بىلەن ئالاقە تۇرغۇزۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

  سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى بىرلىكتە جۇڭگو بىلەن پېرۇ ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي تېخنىكا ھەمكارلىق كېلىشىمى، يېزا ئىگىلىكى، ئورمانچىلىق، مائارىپ، مەدەنىيەت، نامراتلارنى يۆلەش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق ھۆججىتىگە ئىمزا قويۇش مۇراسىمىغا قاتناشتى. سۆھبەتتىن ئىلگىرى شى جىنپىڭ ئومالانىڭ جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە

${KEYWORD}