باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭ گۇگۇڭ مۇزېيى بۇ يىل ئىچىدە ھەر دۈشەنبە يېرىم كۈن تاقىلىدۇ

2013.04.02 15:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  1-ئاپرېلدىن باشلاپ بېيجىڭ گۇگۇڭ مۇزېيى پۈتۈن بىر يىل ئىچىدە ھەر دۈشەنبە (قانۇندا بەلگىلەنگەن ھېيت-بايرام ۋە يازلىق تەتىل بۇنىڭ سىرتىدا) چۈشتىن كېيىن مۇزېينى يېرىم كۈن تاقاش تەدبىرىنى رەسمىي يولغا قويدى. ئىگىلىنىشىچە، 2013-يىلىدىن باشلاپ ساياھەتچىلىكنىڭ سۇس پەسىلىدە ھەر دۈشەنبە چۈشتىن كېيىن مۇزېينى يېرىم كۈن تاقاش تەدبىرى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، گۇگۇڭ مۇزېيى تاقاق ۋاقىتتىن تولۇق پايدىلىنىپ، قەدىمىي قۇرۇلۇشلار، كۆرگەزمە بۇيۇملىرى، ساقلانما مەدەنىي يادىكارلىقلار، كۆرگەزمە ئەسلىھەلىرى، ئۇل ئەسلىھەلەر، بىخەتەرلىك، ئوت مۇداپىيەسى ۋە ئوت ئۆچۈرۈش ئۈسكۈنىلىرى قاتارلىقلارنى تەكشۈرۈش، ئاسراش، قوغداش ئىشلىرىنى ئېلىپ بارغان ھەمدە بىرىنچى سەپ خادىملىرىنى تەربىيەلەپ، ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكەن. سۈرەتتە، 1-ئاپرېل چۈشتىن كېيىن گۇگۇڭ مۇزېيى تاقالدى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى گۇڭ لېي فوتوسى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە