باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇسىيە: چاۋشيەن يېرىم ئارىلى كرىزىسىنى ھەربىيلەشتۈرۈشكە بولمايدۇ

2013.04.07 11:21         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 5-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لۇكاشىۋىچ تۈنۈگۈن مۇنداق دېدى: چاۋشيەن يېرىم ئارىلى كرىزىسىنى ھەربىي ھەرىكەت ئارقىلىق ئەمەس بەلكى ئىجابىي سىياسىي يول ئارقىلىق دىپلوماتىيە تىرىشچانلىقى بىلەن ھەل قىلىش كېرەك.

  لۇكاشىۋىچ مۇنداق دېدى: چاۋشيەننىڭ بۇ دۆلەتنىڭ يادرو قورالىغا ئىگە بولۇشتەك ئورنىنى كۈچەيتىشتەك قارارىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ، بۇ ئۇسۇل چاۋشيەننىڭ يادرو مەسىلىسى بويىچە ئالتە تەرەپ سۆھبىتىنى قايتا باشلاش ئىستىقبالىنى مۇرەككەپلەشتۈرۈۋېتىدۇ.

  لۇكاشىۋىچ مۇنداق دېدى: ئالاقىدار دۆلەتلەرنى خەتەرلىك ھەربىي مانېۋىرنى توختىتىش ۋە مۇبالىغە خاراكتېرلىك سۆزلەرنى توختىتىشقا قايىل قىلىش، ئالتە تەرەپ سۆھبەت مۇساپىسىنى تېزدىن قايتا باشلاشقا شارائىت يارىتىش ئۈچۈن، رۇسىيە چاۋشيەن يېرىم ئارىلى كرىزىسىنى ھەل قىلىش ۋە ئامېرىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالاقىدار دۆلەتلەر بىلەن سۆزلەشمەكتە. ئۇ مۇنداق دېدى: چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنى يادروسىزلاشتۇرۇش مەسىلىسىنى ئالتە تەرەپ سۆھبىتى رامكىسى ئاستىدىلا ئاندىن ھەل قىلغىلى بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە