باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ سەئۇدىي ئەرەبىستاننىڭ مۇئاۋىن دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى خالىد بىلەن كۆرۈشتى

2013.04.03 15:56         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

دۆلەت رەئىسى ، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 2-ئاپرىل چۈشتىن كېيىن ‹‹خەلق›› سارىيىدا سەئۇدىي ئەرەبىستاننىڭ مۇئاۋىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى . شاھزادە خالىد قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشتى
  شىنخۇا تورى ، بېيجىڭ ، 2-ئاپرىل تېلېگراممىسى : دۆلەت رەئىسى ، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 2-ئاپرىل چۈشتىن كېيىن ‹‹خەلق›› سارىيىدا سەئۇدىي ئەرەبىستاننىڭ مۇئاۋىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ، شاھزادە خالىد قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى : جۇڭگو بىلەن سەئۇدىي ئەرەبىستاننىڭ ئارىلىقى يىراق بولسىمۇ ، ئەمما ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستانە بېرىش-كېلىشى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە . 1990-يىلى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلغاندىن بۇيان ، جۇڭگو-سەئۇدىي ئەرەبىستان مۇناسىۋىتى ئومۇميۈزلۈك ۋە تېز تەرەققىي قىلدى ، ئىككى تەرەپنىڭ يۇقىرى قاتلاملار ئالاقىسى قويۇقلىشىپ ، ئىقتىساد-سودا ، ئېنېرگىيە ساھەلىرىدىكى ھەمكارلىقىدا مول نەتىجىلەر بارلىققا كەلدى . ئۇزۇندىن بېرى ، ئىككى دۆلەت خەلقئارا ئىشلاردا يېقىندىن سۆھبەتلىشىش ۋە ماسلىشىشنى ساقلاپ كەلدى . جۇڭگو تەرەپ سەئۇدىي ئەرەبىستان بىلەن بولغان دوستلۇقنى ئىنتايىن قەدىرلەيدۇ ، شۇنداقلا سەئۇدىي ئەرەبىستان بىلەن ئورتاق تىرىشىپ ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ .

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى : يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەربىي ئىشلاردىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقى بارغانسېرى كۈچىيىپ ، ئەۋزەل تەرەققىيات ۋەزىيىتى بارلىققا كەلدى . نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە ، جۇڭگو-سەئۇدىي ئەرەبىستانى ئىككى دۆلەتنىڭ ھەربىي ئىشلار ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ـــ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن ، بەلكى يەنە دۇنيا ۋە رايونلارنىڭ تىنچلىقى ، مۇقىملىقىنى قوغداشقىمۇ پايدىلىق . مەن ئىككى ئارمىيەنىڭ ئورتاق تىرىشىپ ، ھەمكارلىق ساھەلىرىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ ، ئىككى ئارمىيە مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن .

  خالىد مۇنداق دېدى : سەئۇدىي ئەرەبىستان بىلەن جۇڭگو ئوتتۇرىسىدا مۇستەھكەم دوستلۇق مۇناسىۋىتى بار . ئىككى تەرەپ دۇنيا ۋە رايونلارنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئىزچىل قوغدىشى كېرەك .سەئۇدىي ئەرەبىستان رەھبەرلىرى جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدۇ ، ھەمدە ئىككى تەرەپنىڭ دوستانە ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ .

  دۆلەت كومىسسارى ، قوشۇمچە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى چاڭ ۋەنچۈەن ، سەئۇدىي ئەرەبىستانىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى يەھيا قاتارلىقلار كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى .

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە