شىنجاڭدا مەمۇر قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى بويىچە تىزىمغا ئېلىش خىزمىتى 20-ماي باشلىنىدۇ
2013.03.28 16:12 مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، 2013- يىللىق مەمۇر قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى بويىچە تىزىمغا ئېلىش خىزمىتى 5- ئاينىڭ 20- كۈنىدىن 27- كۈنىگىچە ئېلىپ بېرىلىپ، 7- ئاينىڭ 6- كۈنى يېزىقچە ئىمتىھان ئېلىنىدۇ. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەمۇر تاللاش خىزمىتىمۇ بۇ يىل 9- ئايدا باشلىنىدۇ. تورداشلار شىنجاڭ مەمۇر قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى تورى، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى تورى، شىنجاڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى تورى، شىنجاڭ كادىرلار ئىشلىرى ئىمتىھان مەركىزى تورىدا ئېلان قىلىنغان ئالاقىدار ئۇچۇرلارغا دېققەت قىلسا بولىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە