باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

H7N9 قۇش زۇكىمىنىڭ ئادەملەر ئارىسىدا تارقىلىدىغانلىقى بايقالمىدى

2013.04.10 09:31        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 8-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى: دۆلەتلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى بىلەن دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 8-ئاپرېل بىرلىكتە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، ئادەملەرنىڭ H7N9 قۇش زۇكىمى بىلەن يۇقۇملىنىشىدىن ساقلىنىش، تىزگىنلەش ئەھۋالىنى ئۇقتۇردى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى: «يېقىندا، شاڭخەي، جياڭسۇ، ئەنخۇي، جېجياڭدا ئادەملەر H7N9 قۇش زۇكىمى بىلەن يۇقۇملاندى. 7-ئاپرېل سائەت 24 كىچە، دۆلەتلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى 21 ئادەمنىڭ H7N9 قۇش زۇكىمى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى ھەققىدىكى دوكلاتنى تاپشۇرۇۋالدى. نۆۋەتتە، بۇلار بىلەن يېقىندىن ئۇچراشقان 621 ئادەمدە نورمالسىزلىق بايقالمىدى. يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇقتۇرۇشىغا قارىغاندا، نۆۋەتتە، يېزا ئىگىلىك تارماقلىرى كەپتەر، توخۇ ۋە مۇھىت ئەۋرىشكىسىدىن H7N9 قۇش زۇكىمى ۋىرۇسىنى تەكشۈرۈپ چىققان. ئېلىمىز نۆۋەتتە كۆپ يوللار ئارقىلىق، يۇقۇم ۋە ئۇنىڭغا ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى كۆپلەپ توپلىماقتا، كۆپ قېتىم مۇتەخەسسىسلەرنى تەشكىللەپ، يۇقۇمغا ھۆكۈم قىلىش ۋە ئاممىۋى سەھىيە خەتىرىنى باھالاشنى قانات يايدۇردى ھەم ئالاقىدار ساقلىنىش، تىزگىنلەش تەكلىپىنى بەردى. دۇنيا سەھىيە سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ جۇڭگودىكى ۋەكىلى لەن رۈيمىڭ ھازىر تېخى بۇ ۋىرۇسنىڭ ئادەملەر ئارىسىدا تارقىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئىسپات يوق، بىز ئەھۋاللارنى يېقىندىن ئىز قوغلاپ تەكشۈرىمىز».

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە