- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


جەنۇبىي قۇتۇپنى ئىلمىي تەكشۈرۈش ئەترىتى غەلىبىلىك قايتىپ كەلدى
2013.04.10 09:32 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 9-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى: تۈرلۈك ئىلمىي تەكشۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئوڭۇشلۇق ئاياغلاشتۇرغان ئېلىمىزنىڭ 29-قېتىملىق جەنۇبىي قۇتۇپنى ئىلمىي تەكشۈرۈش ئەترىتى 9-ئاپرىل «قار ئەجدىرھاسى» ناملىق جەنۇبىي قۇتۇپنى ئىلمىي تەكشۈرۈش پاراخۇتى بىلەن غەلىبىلىك قايتىپ كەلدى، دۆلەتلىك دېڭىز-ئوكيان ئىدارىسى بىلەن شاڭخەي شەھەرلىك ھۆكۈمەت جۇڭگو قۇتۇپ تەكشۈرۈش دۆلەت ئىچى بازىسى پرىستالىدا بىرلىكتە قىسقا ئەمما قىزغىن قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.
ئېلىمىزنىڭ 29-قىتىملىق جەنۇبىي قۇتۇپنى ئىلمىي تەكشۈرۈش ئەترىتى 2012-يىلى 5-نويابىر گۇاڭجۇدىن يولغا چىقىپ، 156كۈندە غەرب شامىلى بەلبىغىدىن تۆت قېتىم ئوڭۇشلۇق كېسىپ ئۆتۈپ، 29مىڭ دېڭىز مىلى يول يۈردى، بۇنىڭ ئىچىدە مۇزلۇق رايوندا 6000 دېڭىز مىلىدىن ئارتۇق يول يۈردى شۇنداقلا ئېلىمىز دېڭىز سەپىرىدىكى ئەڭ جەنۇبىي كەڭلىك رايونىغا يېتىپ بېرىش رىكورتىنى ياراتتى.
بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈشتە 29-قېتىملىق جەنۇبىي قۇتۇپنى ئىلمىي تەكشۈرۈش ئەترىتى ئايرىم-ئايرىم سەددىچىن سېپىلى پونكىتى، جۇڭشەن پونكىتى، كوئىنلۇن پونكىتى ۋە قار ئەجدىرھاسىدا 53 تۈرلۈك ئىلمىي تەكشۈرۈش ۋەزىپىسى ۋە قۇرۇلۇش ۋەزىپىسىنى ئورۇندىدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە