باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

–نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللىي ئۇسسۇل بايرىمى 20–ئىيۇل ئۆتكۈزۈلىدۇ

12دۆلەت ۋە رايوننىڭ داڭلىق ئۇسسۇل ئۆمەكلىرى ۋە ئاپتونوم رايون ئىچى–سىرتىدىكى توققۇز سەنئەت ئۆمىكى ئويۇن قويىدۇ

2013.04.09 15:01         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  لى چىڭچىننىڭ 3 – ئاپرېل 3 – نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا ئۇسسۇل بايرىمى تەشكىلىي ھەيئىتىنىڭ 1 – يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە: 3 – نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللىي ئۇسسۇل بايرىمى 20 – ئىيۇلدىن 5 – ئاۋغۇستقىچە ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

  3 – نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللىي ئۇسسۇل بايرىمىنىڭ ئاساسىي مەيدانى ئۈرۈمچى شەھىرىدە، تارماق مەيدانلىرى كورلا شەھىرى بىلەن شىخەنزە شەھىرىدە بولۇپ، ‹‹ئىناق جۇڭگو، رەڭدار دۇنيا›› بۇ نۆۋەتلىك ئۇسسۇل بايرىمىنىڭ ئاساسىي تېمىسى قىلىنغان. مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇرغان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى، جۇڭگو تاشقى مەدەنىيەت گۇرۇھى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان. 12 دۆلەت ۋە رايوننىڭ داڭلىق ئۇسسۇل ئۆمەكلىرى شۇنىڭدەك ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىچى – سىرتىدىكى توققۇز سەنئەت ئۆمىكى بايرامغا قاتنىشىدىكەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللىي ئۇسسۇل بايرىمى شىنجاڭنىڭ مەدەنىيىتىنى سىرتقا يۈزلەندۈرۈشتىكى مۇھىم كۆزنەك. ئالدىنقى ئىككى نۆۋەتلىك ئۇسسۇل بايرىمى ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈلۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزغا پائال تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم مەدەنىيەت بەلگىسىگە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ دۆلەت ئىچى – سىرتىغا ئۆزىنى تونۇتۇشىدىكى يېڭى كوزىرغا ئايلاندى. 3 – نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللىي ئۇسسۇل بايرىمى دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىۋاتقان يېڭى ۋەزىيەتتە بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭ ‹‹جۇڭگو ئارزۇسى››نى مۇپەسسەل بايان قىلغان شارائىتتا ئۆتكۈزۈلىدىغان بولدى. 3 – نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللىي ئۇسسۇل بايرىمىنى يۇقىرى سەۋىيەدە ياخشى ئۆتكۈزۈش شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت – سەنئەت ئىشلىرىنىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت يۇمشاق ئەمەلىي كۈچىنى ئۆزلۈكسىز ئاشۇرۇش، شىنجاڭنىڭ تەسىرىنى كېڭەيتىش، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈپ، گۈزەل يۇرت – ماكان قۇرۇش ئىشەنچىسىنى مۇجەسسەملەش، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ۋە چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە. ھازىر 3 – نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللىي ئۇسسۇل بايرىمىنىڭ باشلىنىشىغا يەنە ئۈچ ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت بار، شۇنىڭ ئۈچۈن ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، تەييارلىق خىزمەتلىرىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.

  نۇر بەكرى مۇنداق تەكىتلىدى: يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىش، مەسئۇلىيەتنى كۈچەيتىش، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك؛ ئىلگىرىكى ئىككى نۆۋەتلىك ئۇسسۇل بايرىمىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن تەجرىبىلەر ئاساسىدا، كۈچنى – كۈچكە ئۇلاپ، ئەمەلىي سەۋىيەنى نامايان قىلىپ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە كىشىلىرىگە نادىر مەدەنىيەت نومۇرلىرىنى ئاتا قىلىپ، 3 – نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا ئۇسسۇل بايرىمىنى خەلقئارا سەۋىيە، مىللىي ئالاھىدىلىكنى نامايان قىلىدىغان، ئومۇمىي خەلق بەھرىمەن بولىدىغان كاتتا مەرىكىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە