باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى خۇاڭ شېڭنىڭ پارىخورلۇق دېلوسى ئۈستىدىن سوت ئېچىلدى

2013.04.09 16:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورىنىڭ 9-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى.جياڭسۇ ئۆلكىسى نەنجىڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى 8-چېسلا ئوچۇق سوت ئېچىپ، شەندۇڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى خۇاڭ شېڭنىڭ پارىخورلۇق دېلوسىنى قاراپ چىقتى.

  نەنجىڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبنامىسىدە مۇنداق دېيىلگەن: 1998-يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن 2011-يىل 8-ئايغا قەدەر، خۇاڭ شېڭ شەندۇڭ ئۆلكىسى دېجوۋ شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى، ج ك پ دېجوۋ شەھەرلىك كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، شەندۇڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئالغان مەزگىلدە، خىزمەت قولايلىقلىدىن پايدىلىنىپ، كارخانا تىجارىتى، ۋەزىپىسى ئۆسۈش قاتارلىق جەھەتلەردە باشقىلارنىڭ مەنپەئىتىگە چوغ تارتىپ بەرگەن ياكى ئۆزىنىڭ خىزمەت ھوقۇقى، ئورنىدىن شەكىلللەنگەن قولايلىق شارائىتتىن پايدىلىنىپ، باشقا دۆلەت خىزمەتچىلىرىنىڭ خىزمەت جەھەتتىكى قىلمىشى ئارقىلىق باشقىلارنى نامۇۋاپىق مەنپەئەتكە ئېرىشتۈرگەن، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ گوكې (چىكې) مەبلەغ چەكلىك شىركىتىنىڭ قانۇنلۇق ۋەكىلى سەي خۇڭجۈن، دېجوۋ مېھمانسارىيى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ سابىق باش مۇدىرى بەي خەنبىڭ قاتارلىق 21 ئورۇن ياكى شەخستىن خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا جەمئى 12 مىليون 230 مىڭ يۈەنلىك مال-مۈلۈك پارا ئالغان، شۇڭا خۇاڭ شېڭنى پارىخورلۇق جىنايىتى ئۈچۈن جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقىغا تارتىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە