باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

مالىيە مىنىستىرلىقى 2013-يىللىق يەرلىكنىڭ بۇغالتىرلىق تەكشۈرۈشىنى باشلىدى

2013.04.11 09:44         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى: مالىيە مىنىستىرلىقى يېقىندا جايلاردىكى مالىيە نازارەت، ئىدارلىرىنى تەشكىللەپ 2013-يىللىق بۇغالتىرلىق نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ھەمدە يەرلىكتىكى مەمۇرىي كەسىپىي ئورۇنلار، دۆلەت ئىلكىدىكى ۋە دۆلەت پېيىنى كونترول قىلىدىغان كارخانىلارنىڭ قەتئىي تېجەشچان بولۇش، ھۆكۈمەتنىڭ ئۈچ خىل خىراجىتىنى كونترول قىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چىقاردى.

  مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇقتۇرۇشىغا ئاساسەن، بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈش خىزمىتىدە دۆلەتنىڭ ماكرولۇق تەڭشەپ كونترول قىلىش مۇھىم نۇقتىسى ۋە ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك قىزىق نۇقتىلىق مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ، قاتناش قۇرۇلۇش كەسپى، مائارىپ كەسپى، ئاممىۋى ئىشلار، ئېنېرگىيە، كاپالەتلىك تۇرالغۇ قاتارلىقلار نۇقتىلىق تەكشۈرىلىدۇ. تەكشۈرۈشنىڭ مەزمۇنى ئىدارە ئورۇنلارنىڭ مالىيە باشقۇرۇشى، بۇغالتىرلىق ھىساۋاتى، ئىچكى قىسىمدىكى كونترول قىلىش، مائاش تەقسىماتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ھەمدە دۆلەتنىڭ مالىيە بېجى سىياسىتىنى ئىجرا قىلىش، مالىيە مەبلىغىنى ئىشلىتىش، باشقۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللارغا نۇقتىلىق دىققەت قىلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە