باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ جۇڭگو ۋە چەتئەللىك كارخانىچلار ۋەكىلى بىلەن كۆرۈشتى

2013.04.09 14:22         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىپىڭ 8-ئاپرىل خەينەن ئۆلكىسىنىڭ بوئاۋ شەھىرىدە بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ 2013-يىللىق يىغىنىغا قاتناشقىلى كەلگەن جۇڭگو ۋە چەتئەللىك كارخانىچلار ۋەكىلى بىلەن كۆرۈشتى.
  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 8-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى: جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىپىڭ 8-ئاپرىل خەينەن ئۆلكىسىنىڭ بوئاۋ شەھىرىدە بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ 2013-يىللىق يىغىنىغا قاتناشقىلى كەلگەن جۇڭگو ۋە چەتئەللىك كارخانىچلار ۋەكىلى بىلەن كۆرۈشتى. شى جىنپىڭ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات كەلگۈسى پارلاق، جۇڭگو ئىسلاھات ئېچىۋىتىشنى قەتئىي تەۋەنمەستىن ئالغا سۈرىدۇ، ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات شەكلىدە بۇرۇلۇش ياشاسنى تېزلىتىدۇ، سىرتقا ئېچىۋىتىش سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، چەتئەل كارخانىلىرىغا داۋاملىق تېخىمۇ ياخشى مۇھىت ۋە شارائىت يارىتىپ بىرىدۇ، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى دۇنياغا تېخىمۇ كۆپ تۆھپە قوشىدۇ.

  جۇڭگو ۋە چەتئەل كارخانىچىلار مەسئۇللىرىدىن 32كىشى سۆھبەتكە قاتناشتى، كارخانىچىلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن، شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى ئومۇمەن ياخشى، جۇڭگو بۇندىن كىيىنكى خېلى ئۇزۇن بىر مەزگىلگىچە يەنىلا تېز تەرەققىيات مەزگىلىدە تۇرىدۇ. سانائەتلەشتۈرۈش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش، شەھەر بازارلاشتۇرۇش، يېزا-ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش غايەت زور دۆلەت ئىچكى بازار بوشلۇقى ئېلىپ كەلدى، ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ ئاساسى مۇستەھكەم، ئىشلەپچىقىرىش ئامىلىنىڭ ئۇنۋىرسال ئۈستۈنلىكى روشەن، تۈزۈلمە مېخانىزىمى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىۋاتىدۇ، بىز يۈز يىللىق ئىككى كۈرەش نىشانىنى بېكىتىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتەك جۇڭگو ئارزۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدۇق، بۇ نىشانلارنى ئىشقا ئاشۇرۇش جۇڭگو ئىقتىسادىغا جەزمەن ئۈزلۈكسىز يېڭى ھاياتى كۈچ ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئاتا قىلىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگونىڭ بازار مۇھىتى ئادىل، جۇڭگونىڭ ئىچكى جايلىرىدا تېزىمغا ئالدۇرغان بارلىق كارخانىلار جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى. بىز سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىدە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، مەبلەغ سېلىش مۇھىتىنى داۋاملىق ياخشىلاپ، تۈرلۈك كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرىدىن قانۇن بويىچە باراۋەر پايدىلىنىشى، بازار رىقابىتىغا ئادىل قاتنىشىشى، قانۇننىڭ ھىمايىسىگە باراۋەر ئېرىشىشىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگونىڭ بازار مۇھىتىنى تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ جەلىپكار قىلىمىز. بىزنىڭ چەتئەل مەبلىغىدىن پايدىلىنىش سىياسىتىمىز ئۆزگەرمەيدۇ، چەتئەللىك سودىگەرلەر مەبلەغ سالغان كارخانىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلىمىز.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ ئېچىۋىتىلگەن دەرۋازىسى تاقالمايدۇ، ئۆتكەن ئون يىلدا، جۇڭگو دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىش ۋەدىسىگە ئومۇميۈزلۈك ئەمەل قىلىپ، سودا مۇھىتىنى تېخىمۇ قېلىپلاشتۇردى، جۇڭگو ئېچىۋىتىش تىپىدىكى ئىقتىساد سەۋىيەسىنى تېخىمۇ كەڭ دائىرە، تېخىمۇ كەڭ ساھە، تېخىۇ چوڭقۇر قاتلامدىن يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى دۇنياغا پايدىلىق، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ئالدى بىلەن قوشنا ئەللەرگە پايدا يەتكۈزىدۇ. 2012-يىلى شەرقىي ئاسىيا ۋە جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىغا بارغان جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنىڭ سانى 15مىليۇن 760مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتتى. جۇڭگو ئاسىيانىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا مۇھىم تۆھپە قوشتى، كەلگۈسى بەش يىلدا، جۇڭگو تەخمىنەن 10تىرىيۇن ئامېرىكا دوللىرىلىق تاۋار ئىمپۇرت قىلىدۇ، چەتئەلگە داۋاملىق كۆپرەك مەبلەغ سالىدۇ، بىز ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىش ۋە ئالماشتۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرىۋاتىمىز، بۇ تەدبىرلەرنىڭ ھەممىسى بۇ رايۇننىڭ شۇنداقلا دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ.

  شى جىنپىڭ ئاخىرىدا ھەرقايسى ئەل كارخانىچىلىرىنىڭ ئۇزۇندىن بىرى جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى، جۇڭگونىڭ ئاسىيا ۋە دۇنيا بىلەن بولغان ھەمكارلىقى ئۈچۈن ئىشلىگەن پايدىلىق خىزمەتلىرىگە رەھمەت ئېيتتى، ئۇ جۇڭگونىڭ ئىسلاھات ئېچىۋىتىشتە چىڭ تۇرۇش ئىرادىسىنىڭ قەتئىي ئۆزگەرمەيدىغانلىقى، سىياسەتنىڭ تېخىمۇ مۇكەممەللىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە