باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جەمئىي 24 كىشىگە H7N9 تارقىلىشچان قۇش زۇكۇمى دەپ دىياگنوز قويۇلدى

2013.04.09 15:39         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 9-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:دۆلەتلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى تۈنۈگۈن كەچتە مۇنۇلارنى ئېلان قىلدى: 2013-يىلى 7-ئاپرېل سائەت 17دىن 8-ئاپرېل سائەت 17 گىچە مەملىكەت بويىچە يەنە 4 كىشىگەH7N9قۇش زۇكۇمى بىلەن يۇقۇملانغان دەپ دىياگنوز قويۇلدى، بۇنىڭ بىرى ئەنخۇيدىن بىرى شاڭخەيدىن، ئىككىسى جياڭسۇدىن.

  ھازىرغىچە مەملىكەت بويىچە دوكلات قىلىنغان H7N9 قۇش زۇكۇمى بىمارى 24، بۇنىڭ 7 سى قازا قىلدى، بۇ بىمارلار شاڭخەي، جياڭسۇ، ئەنخۇي، جېجياڭدىن ئىبارەت 4 ئۆلكە شەھەردىكى 17ۋىلايەت شەھەر دەرىجىلىك رايونلارغا تارالغان، دىياگنوز قويۇلغان مەزگىلدە ئۇلارنىڭ باشقا تارقىلىشچان كېسەل بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى بايقالمىدى، بارلىق بىمارلار بىلەن يېقىندىن ئۇچراشقانلار تېببىي جەھەتتىن كۈزىتىلدى، ئەمما بىنورمال ئەھۋال بايقالمىدى، نۆۋەتتە بىمارلار تارقاق ھالەتتە بولغاچقا باشقىلارغا يۇقۇش ئەھۋالى كۆرۈلمىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە