- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئەمەلدارى چاۋشيەننىڭ تەھدىتى بار باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى توسۇشنى تەۋسىيە قىلدى
2013.04.11 09:46 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى: ئامېرىكا ئارمىيىسى تىنچ ئوكيان قوماندانلىق شتابىنىڭ قوماندانى روكلېر 9-ئاپرېل مۇنداق دېدى: ناۋادا چاۋشيەن باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىپ ئامېرىكا زېمىنى، چەتئەل قىسمى ۋە ئىتتىپاقداشلىرىمىزغا تەھدىد سالسا، مەن ئۇنى توسۇشنى تەۋسىيە قىلىمەن، ئەمما تەھدىتى بارمۇ يوقمۇ قارىماستىن چاۋشيەننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنىڭ ھەممىسىنى توسۇشنى تەۋسىيە قىلمايمەن.
روكلېر شۇ كۈنى كېڭەش پالاتاسىدا ئىسپات بەرگەندە چاۋشيەننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى قايسى يۆنىلىشكە قاراپ قويۇپ بېرىلسۇن، ئۇنى توسۇش كېرەكمۇ يوق دەپ سورىغاندا روكلېر: مەن بۇنداق قىلىشنى تەۋسىيە قىلمايمەن دېدى. ئۇ چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە چاۋشيەننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنىڭ نىشانىنىڭ قەيەر ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم چىقىرىش ئىقتىدارى بار.
ئامېرىكا ئارمىيىسى يېقىندا باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى جابدۇقنى ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ. بۇ «ماككايىن» نومۇرلۇق ۋە «دېكاتۇر» ناملىق ئىككى باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى قوغلىغۇچى پاراخوتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ھەمدە گۈەنداۋدا يۇقىرى بوشلۇق رايونىدا مۇداپئەلىنىش سېستىمىسىنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە