10-ئاپرېل، قۇتقۇزغۇچى خادىملار ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيداندا يارىدارلارنى قۇتقۇزماقتا. 10-ئاپرېل، سائەت 9:35 مىنۇت ئۆتكەندە، شەنشى ۋېنشۈي ناھىيەسى 320-نومۇرلۇق ئۆلكە يولىنىڭ45 كلومېتىر + 500 مېتىرلىق جايىدا، بىر يولۇچىلار ئاپتوموبىلى غەربتىن شەرققە قاراپ كېتىۋاتقاندا بىر ئېغىر تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىلى بىلەن سوقۇلۇپ كەتكەن. خەۋەر بېرىلگىچە، مۇخبىر شەنشى ۋېنشۈيشىيەن ناھىيەلىك ھۆكۈمىتىدىن ۋەقەدە 9 ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىقىنى، 29 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى، بۇنىڭ ئىچىدە 3 ئادەمنىڭ يارىسىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى ئىگىلىدى. نۆۋەتتە، نەق مەيداندىكى قۇتقۇزۇش خىزمىتى ئاخىرلاشقان بولۇپ، ۋەقەنىڭ سەۋەبى تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ تەكشۈرۈلۈۋېتىپتۇ.