باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ ھەمكارلىقى ئىككىلا تەرەپكە پايدا يەتكۈزىدۇ

2013.04.11 16:09        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ 2013-يىللىق يىغىنىنىڭ 7-ئاپرېل چۈشتىن كېيىنكى «ئافرىقا-قەدىمىي چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ قەد كۆتۈرۈشى» ناملىق تارماق مۇنبىرى نۇرغۇن مۇھىم ئەربابلارنى جەلپ قىلدى، بۇ يىللىق يىغىندا تۇنجى قېتىم ئافرىقىغا ئالاقىدار مەخسۇس مۇھاكىمىنىڭ ئېلىپ بېرىلىشى.

  ئاۋسترالىيەنىڭ سابىق باش مىنىستىرى خوك رىياسەتچىلىك قىلدى، زامبىيە پىرېزىدېنتى ساتا ۋە ئالجىرىيە مىللەت پالاتاسىنىڭ باشلىقى بىن سالىخ سۆز قىلدى، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى دۆلەتلىك تەرەققىيات تەتقىقات ئورنىنىڭ پەخرى باشلىقى، دۇنيا بانكىسىنىڭ سابىق ئالىي دەرىجىلىك مۇئاۋىن باشلىقى لىن يىفۇ ۋە جۇڭگو خەلقئارا ئىقتىساد ئالماشتۇرۇش مەركىزىنىڭ باش كاتىپى ۋېي جيەنگو قاتارلىقلار مۇھاكىمىگە قاتناشتى.

  خوك مۇنداق دېدى: ئافرىقىنىڭ نوپۇسى 1 مىلياردتىن ئاشتى، ئۇ ئىنتايىن مۇھىم بولغان چوڭ قۇرۇقلۇق، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ئەمدى قەد كۆتۈرۈۋاتىدۇ، لېكىن ئافرىقا زادى قانداق تەرەققىياتنى باشتىن كەچۈردى؟ بەزى كىشىلەر ئافرىقىنىڭ ياسىمىچىلىق قاتارلىق ساھەسى ئانچە تەرەققىي قىلمىغان دەپ ھېسابلىسا، يەنە بەزى كىشىلەر ئافرىقىنىڭ تەرەققىياتى بىر مۆجىزە دەپ ھېسابلاشماقتا.

  زامبىيە پىرېزىدېنتى ساتا مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى يىللىق يىغىننىڭ باش تېمىسىدا ئورتاق تەرەققىيات ئۈستىدە ئىزدىنىش تىلغا ئېلىندى، مەن بۇنىڭدىن ناھايىتى خۇشال بولدۇم، ئافرىقا بىلەن ئاسىيا ئوتتۇرىسىدىكى سودا مىقدارىنى ئاشۇرۇش ئافرىقىنىڭ ئىقتىسادىنى ناھايىتى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىدۇ ۋە ئىقتىسادقا ھاياتى كۈچ قوشىدۇ. ئافرىقا بىلەن ئاسىيانىڭ ھەمكارلىق، ئورتاق يېڭىش، ئورتاق تەرەققىي قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىشى ئىككى رايوندىكى ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماستىن خەلقگىمۇ مەنپەئەت يەتكۈزىدۇ.

  سالىخ مۇنداق دېدى: ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىگە قاتنىشىشى ئافرىقىنىڭ ئاسىيانىڭ تەرەققىياتى ۋە بىرگەۋدىلىشىش تەرەپتىكى تەجرىبىسىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئافرىقا بىلەن ئاسىيادىكى دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى ھەمكارلىق شېرىكلىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئافرىقىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا ئۇل ئەسلىھە ئاجىز بولۇش قاتارلىق پايدىسىز ئامىللار مەۋجۇت، ئافرىقا ئاسىيا بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئاسىيادىن ئۆگىنىپ، ئاسىيا بىلەن بىرلىكتە ئىلگىرىلەپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتى، نامراتلىقنى تۈگىتىش، دۇنيا بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىنى ئىگىلىرى سۈرۈشكە ھەسسە قوشۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  ئىلگىرى مۇئاۋىن سودا مىنىستىرى بولغان ھەمدە ئافرىقىغا كۆپ قېتىم زىيارەتكە بارغان ۋېي جيەنگو مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ھازىر ئاسىيا بولۇپمۇ جۇڭگو ئافرىقا بىلەن ھەمكارلىشىدىغان ئەڭ ياخشى مەزگىل. ئۆتكەن 10 يىلدا، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ ئىككى تەرەپلىك سودا سوممىسى يىلىغا ئوتتۇرىچە %22تىن ئاشتى، ئالدىنقى يىلدىكى 160 نەچچە مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئۆتكەن يىلى 200 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا كۆپەيدى. بۇ سۈرئەت بىلەن تەرەققىي قىلسا، 5 يىلدىن كېيىن، ئافرىقا ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنى بېسىپ چۈشۈپ جۇڭگونىڭ ئەڭ چوڭ سودا شېرىكىگە ئايلىنىدۇ.

  خوك مۇنداق دېدى: ئافرىقا دۆلىتىدىكى بىر مەركىزىي بانكىنىڭ باشلىقى ئۆتكەن ئايدا ئەنگلىيەدە چىقىدىغان «پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى»دە ماقالە ئېلان قىلىپ، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ ھەمكارلىقىنى 19-ئەسىردىكى مۇستەملىكىچىلىك بىلەن سېلىشتۇردى. مەن ئۇنىڭ قارىشىغا قوشۇلمايمەن، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ ھەمكارلىقىنى غەربنىڭ مۇستەملىچىلىكىگە سېلىشتۇرۇش پۈتۈنلەي خاتا.

  ۋېي جيەنگو مۇنداق دېدى: جۇڭگو كارخانىلىرى ئافرىقىلىقلارغا ھەقىقىي تۈردە ياردەم بەردى، يەرلىك كىشىلەرگە ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىپلا قالماستىن ئۇلارغا تېخنىكا ئۆگەتتى؛ قۇرۇلۇشنى تاماملاپلا قالماستىن يەرلىك خەلقنىڭ تۇرمۇشىغىمۇ دىققەت قىلدى. جۇڭگو ئافرىقىغا ياردەم بەرگەندە ھېچقانداق سىياسىي شەرت قويمىدى. بۇنداق ماقالە ئېلان قىلىش ئاپتورنىڭ نادانلىقىنى، ئۇنىڭ جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىقىنى چۈشەنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، ياكى بولمىسا ئۇنىڭ بىر قىسىم سەلبىي خەۋەر شۇنداقلا تاراتقۇلارنىڭ سەلبىي تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

  لىن يىفۇ مۇنداق دېدى: ئەڭ مۇھىمى پىكىر ئالماشتۇرۇش كېرەك، ياخشى پىكىرلەشكەندىلا بۇنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ. ئاپتور جۇڭگونىڭ ئافرىقىدا قۇرۇلىۋاتقان تۈرلىرىنى كۆرىشى كېرەك، كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن جۇڭگونىڭ يەرلىككە ئېلىپ كەلگەن پۇرسىتىنى بىلىلەلەيدۇ، ئاندىن خاتا قاراشتا بولمايدۇ.

  بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ يىللىق يىغىنىدىن خەۋەر بەرگىلى كەلگەن زامبىيەنىڭ مۇخبىرى ئەيدى مۇنداق دېدى: مەن يېڭى مۇستەملىكىچىلىك دېگەن قاراشقا قوشۇلمايمەن، جۇڭگو ئافرىقىنىڭ تەرەققىياتىغا ياردەم بەردى، ئافرىقىغا تېخنىكا ئۆگەتتى، يەرلىكنىڭ تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ چىقتى. جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ ھەمكارلىقى ئىككىلا تەرەپكە پايدا يەتكۈزىدۇ، بۇ ئافرىقا تارىخىدىكى ئەڭ ياخشى ھەمكارلىق.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە