باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ خەينەندە خىزمەت تەكشۈردى

2013.04.11 14:34         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

9-ئاپرېل شى جىنپىڭ يالوڭ قولتۇقى لەندې ئەتىرگۈل جىلۋىسى كەسپى باغچىسىغا بېرىپ خىزمەت تەكشۈردى.
  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 11-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش سېكرېتارى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 8-ئاپرېلدىن 10-ئاپرېلغىچە خەينەندە خىزمەت تەكشۈرگەندە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خەينەن مەملىكەت بويىچە ئەڭ چوڭ ئىقتىسادى ئالاھىدە رايون، كېيىن تەرەققىي قىلىش ئەۋزەللىكى كۆپ، تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى زور، خەينەننىڭ خەلقئارا ساياھەت ئارىلى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك چىڭ تۇتۇپ، ھالقىما تەرەققىيات يولىنى تېپىپ چىقىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئۈلگىسى قىلىپ، گۈزەل خەينەن سەھىپىسىنى يارىتىش كېرەك.

  4-ئايدىكى خەينەننىڭ ھاۋاسى ئىنتايىن ياخشى ئىدى. شى جىنپىڭ بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ 2013-يىللىق يىغىنىغا ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشقاندىن كېيىن چيوڭخەي، سەنيا قاتارلىق جايلاردىكى بېلىقچىلىق پورتلىرى، ئالاھىدە يېزا ئىگىلىكى كەسپىي باغچە رايونى، خەلقئارا پوچتا پاراخوت پورتىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

  شى جىنپىڭ خەينەننىڭ ئېكولوگىيەلىك مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بەردى، بارغانلا يېرىدە شۇ جايدىكى كادىرلار بىلەن مۇھىت ئاسراش پىلانىنى كېڭەشتى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئېكولوگىيەنى قوغداش- ئىشلەپچىقىرىش كۈچىنى قوغدىغانلىق، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشىلاش ئىشلەپچىقىرىش كۈچىنى تەرەققىي قىلدۇرغانلىق. ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت- ئەڭ ئادىل ئاممىۋى مەھسۇلات، خەلق تۇرمۇشىنىڭ بەختلىك بولۇشىغا ئەڭ ئېتىبار بەرگەنلىك. تاغلىرى كۆك، سۈيى سۈزۈك بولۇش- خەلقئارا ساياھەت ئارىلى بەرپا قىلىشتىكى ئەڭ زور مەبلەغ. بۇنى ھەسسىلەپ قەدىرلەپ، كۆڭۈل قويۇپ ئاسراش كېرەك.

  شى جىنپىڭ خەينەندىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تۇرمۇشىنى كۆڭلىگە پۈكتى. ئۇ 8-ئاپرېل چۈشتىن كېيىن چيوڭخەي شەھىرى تەنمېن بازىرىغا بېرىپ بېلىقچىلارنى يوقلىدى. شى جىنپىڭ بېلىقچىلار جەمئىيىتىگە بېرىپ بېلىقچىلارنى ئىشلەپچىقىرىشقا تەشكىللەش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىگەندىن كېيىن جەنۇبىي دېڭىزدىن بېلىق تۇتۇپ قايتىپ كەلگەن بىر بېلىقچىلىق كېمىسىگە چىقىپ، تار يولىدا مېڭىپ بېلىقچىلىق كېمىسى، كابىنكا، دەم ئېلىش ئۆيى، ئاشخانا قاتارلىق جايلارنى تەكشۈردى، بېلىقچىلارنىڭ دېڭىزگە چىقىپ بېلىق تۇتۇش ۋە كىرىم ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈردى. شى جىنپىڭ بېلىقچىلار بىلەن بىر بىرلەپ قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنىڭ بەختلىك بولۇشى، دېڭىزغا ئامان ئېسەن چىقىشى، كىرىمىنىڭ بارغانچە كۆپىيىشى، كۈنلىرىنىڭ بارغانچە ياخشى بولىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: خەلق تۇرمۇشىنى ياخشى تۇتۇشتا خەلق ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال پايدا مەسىلىسىنى تىڭ تۇتۇش، ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈشكە تىگىشلىك بولغان ئاممىنى چىڭ تۇتۇش، بىر ئىشقا يەنە بىرنى ئىشنى ئۇلاپ بېجىرىش، يىلمۇ يىل ئىشلەش، قەتئىي ئالغا ئىلگىرىلەش كېرەك.

  خەينەننىڭ تىروپىك بەلباغ يېزا ئىگىلىكى بايلىقى مول، ئالاھىدە يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئۆزگىچە شارائىتى بار. 9-ئاپرېل شى جىنپىڭ يالوڭ قولتۇقى لەندې ئەتىرگۈل جىلۋىسى كەسپى باغچىسىغا بېرىپ خىزمەت تەكشۈردى. ئۇ كەسپىي باغچىنىڭ شىركەت- كوپىراتىپ –دېھقانلار قېلىپىدا ئەتىرگۈل تېرىپ، ئۈلگە كۆرسىتىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئۇسۇلىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش، يەتمەسلىكتىكى ئاچقۇچ- يۇرتداشلاردا. مەركەز بېكىتكەن يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى ئىزچىل ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تىروپىك بەلباغنىڭ ئالاھىدە يېزا ئىگىلىكىنى ھەقىقىي تۈردە ئۈستۈنلۈككە ئىگە كەسىپ ۋە خەينەن ئىقتىسادىدىكى بىر كوزىرغا ئايلاندۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلار، دېھقانلار خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.

  10-ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ سەنيانىڭ سۇمرۇغ ئارىلى خەلقئارا پوچتا پاراخوتى پورتىغا كەلدى. بۇ ئېلىمىزدىكى 80 مىڭ توننىلىق پوچتا پاراخوتلىرى توختايدىغان خەلقئارالىق پورت. شى جىنپىڭ تاموژنا، چېگرا تەكشۈرۈش، كارانتىن قاتارلىق ئورۇنلار ۋە چېگرىدىن چىقىش، كىرىش رەسمىيىتى بېجىرىش ئورنىغا بېرىپ خىزمەت تەكشۈرۈپ، يولۇچىلار بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: خەينەن ساياھەتچىلىكنى باشلامچى قىلغان، زامانىۋى مۇلازىمەتچىلىكنى يېتەكچى قىلغان مۇلازىمەت كەسپى سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، مەركەزنىڭ خەينەننىڭ ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى سىياسەتلىرىنى ئوبدان ئىشلىتىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش داۋامىدا، خەينەن ئۆلكىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى، خەينەننىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى خىزمەتلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە