باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

چاۋشيەننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەرمەسلىكى دۇنيانى تېخىمۇ جىددىيلىككە سېلىۋەتتى

ئامېرىكا تاراتقۇلىرى چاۋشيەن كورېيەگە ھۇجۇم قىلىشى مۇمكىن دېيىشمەكتە

2013.04.11 16:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چاۋشيەن 4-ئاينىڭ 10-كۈنى باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەرمىدى، ئەمما ئەنسىزلىك ئىچىدە قالغان دۇنيا تېخىمۇ ئەنسىزلىككە پاتتى. كورېيە ھەربىي دائىرلىرى چاۋشيەننىڭ 11-چېسلا سەھەردە «خۇپىيانە قويۇپ بېرىش» ئېھتىماللىقىنى يوققا چىقارغىلى بولمايدۇ، يەنە كېلىپ بىر نەچچىنى تەڭلا قويۇپ بېرىشى مۇمكىن، دېدى.

  گېرمانىيە «چولپان» ھەپتىلىك گېزىتىدە، «ئۇرۇش قاش بىلەن كىرپىك ئارىلىقىدىكى ئىش بولۇپ قالدى»، شەرقىي شىمالىي ئاسىيا كۈچلۈك كىرىزىستە قالدى، شۇ كۈنى ئامېرىكا ۋە كورېيە ئارمىيەلىرى ئېھتىيات ھالىتىنى 2-دەرىجىگە كۆتۈردى، 1-دەرىجىلىك ئېھتىيات ھالىتىلا ئۇرۇشتىن دېرەك بېرىدۇ، دېيىلدى.

چاۋشيەن 10-چېسلادا ياكى يېقىندا باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلمىغان بولسىمۇ، «10-چېسلادىن كېيىن چاۋشيەندىكى چەت ئەللىكلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلالمايمىز» دېگەن گەپ بۇ كۈننى ھالقىلىق كۈنگە ئايلاندۇرۇپ قويدى، شۇنداقلا دۇنيا ئەھلىگىنى «ئەنسىزلىككە سالدى».

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە