باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رادىكال تەشكىلاتلار ساچېر خانىمنىڭ دەپنە مۇراسىمىدا «ئۆچ ئالىمىز» دېدى

ئەنگلىيە قاتتىق مۇداپىئە كۆرمەكچى

2013.04.11 16:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەنگلىيە باش ۋەزىر مەھكىمىسى 4-ئاينىڭ 9-كۈنى ساچېر خانىمنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە بۇككىنھام سارىيى بىلەن مەسلىھەتلىشىش ئارقىلىق ساچېر خانىمنىڭ دەپنە مۇراسىمىنى 4-ئاينىڭ 17-كۈنى سانت پائۇل چېركاۋىدا ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئىرېلاندىيە جۇمھۇرىيەت ئارمىيەسى ۋە ئۇچىغا چىققان سولچىل تەشكىلاتلار دەپنە مۇراسىمىدا «ئۆچ ئالىمىز»، دەپ داۋراڭ سالغاچقا، لوندون ساقچى دائىرلىرى ساقچى كۈچلىرىنى كۆپلەپ ئاجرىتىپ، دەپنە مۇراسىمىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلماقچى بولدى. ساچېر خانىمنىڭ قوللىغۇچىلىرى ئۇ ئەنگلىيەنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتتى، دېيىشتى. ساچېر خانىمغا قارشى تۇرىدىغانلار بولسا، ئۇ ھېسسىياتسىز، باغرى قاتتىق ئايال، دېيىشتى. جامائەتچىلىك ساچېر خانىمنىڭ ئۆلۈمى ئەنگلىيەنى يەنە «پارچىلىنىش»قا يۈزلەندۈرىدۇ، دەپ قارىماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە