باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

جاڭ گاۋلى شىنجاڭدا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈردى

2013.04.11 16:52         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

8-ئاپرېل، جاڭ گاۋلى شىنجاڭ شىخەنزە بېيچۈەن بازىرى مەرۋايىت گۈللۈكىدىكى ئاھالە ما چاڭشېڭ (سولدىن ئىككىنچى)نىڭ ئۆيىدە كۆپچىلىك بىلەن پاراڭلاشتى.
  شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇخبىرى جۇ يىفەن خەۋەر قىلىدۇ: ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ گاۋلى 7 – ئاپرېلدىن 9 – ئاپرىلغىچە شىنجاڭدا خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىش ئەھۋالى بىلەن ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەش ئەھۋالى، پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تۈرتكىسى، بايلىق ۋە مۇھىت ئاسراش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى. كاپالەتلىك تۇرالغۇ، بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى قاتارلىق خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش قۇرۇلۇشلىرىنى كۆزدىن كەچۈردى. سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، كارخانا مەسئۇللىرىنىڭ پىكىر – تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى.

  جاڭ گاۋلى ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن قاتارلىقلارنىڭ ھەمراھلىقىدا ئۈرۈمچى ۋە شىخەنزە شەھىرىدىكى سانائەت كارخانىلىرى، تۈەن – مەيدان ۋە مەھەللىلەرگە باردى.

  جاڭ گاۋلى شىنجاڭ ‹‹جۇڭخې›› پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا تەرەققىيات رايونىنىڭ شىمالىي رايونىدىكى پەن – تېخنىكا باغچا رايونىغا كېلىپ، ئېلېكتىرون ئاليۇمىن قەغەز ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنىڭ ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. كارخانا مەسئۇللىرى جاڭ گاۋلىغا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىمىزنى ئۆستۈرۈش، كەسىپلەرنىڭ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى تېزلىتىش ئۈچۈن، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى، ‹‹جۇڭنەن›› ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى ۋە ئالىي مەكتەپلەر بىلەن ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقات ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇردۇق. ئاكادېمىك ۋە مۇتەخەسسىسلەرنى مەھسۇلاتلارنى تەتقىق قىلىپ ياساشقا تەكلىپ قىلدۇق. مەھسۇلاتلىرىمىز ھۈنەر – تېخنىكا ۋە سۈپەت جەھەتتە خەلقئارالىق ئىلغار سەۋىيەگە يەتتى. جاڭ گاۋلى ئۇلارنى ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش يولىدا داۋاملىق مېڭىشقا، كەسىپلەرنىڭ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، كەسىپ زەنجىرى قۇرۇشتىن ئىبارەت يۇقىرى پەللىگە قاراپ تەرەققىي قىلىشقا ئۈندىدى. جاڭ گاۋلى ‹‹سەنيى›› غەربىي شىمال ئېغىر سانائەت چەكلىك شىركىتىدە بېتون ماشىنىسى ياساش لىنىيەسىنى كۆزدىن كەچۈردى. ‹‹جىنفىڭ›› پەن – تېخنىكا چەكلىك شىركىتىدە شامال كۈچى ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىنى ياساش لىنىيەسىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، كارخانىنىڭ تېخنىكا تەتقىقات ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئۇ شىنجاڭ ‹‹تيەنيې›› گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدە مەزكۇر كارخانىنىڭ ئايلانما ئىقتىساد، تېخنىكا ئۆزگەرتىش ئىشلىرىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلدى.

  جاڭ گاۋلى 9 – ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن شىنجاڭدىكى قىسمەن كارخانىلارنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

  جاڭ گاۋلى مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم شىنجاڭغا كېلىپ شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئىشلىرىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى كۆردۈم ھەم شىنجاڭدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى ھېس قىلدىم. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات تەپەككۇرى ئايدىڭلىشىپتۇ. رەھبەرلىك بەنزىسىدىكىلەر زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش ئۇسۇلىنى تىرىشىپ ئۆزگەرتىش ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئىناقلىققا كاپالەتلىك قىلىپتۇ. بۇ قېتىم شىنجاڭدا بىر نەچچە كارخانىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئېنېرگىيە تېجەپ سەرپىياتنى تۆۋەنلىتىش، بازار ئېچىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقىنى، ھەممىسىنىڭ بىر قەدەر ياخشى تەرەققىيات ھالىتىنى ساقلىغانلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدىم.

  جاڭ گاۋلى مۇنداق تەكىتلىدى: شىنجاڭ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، خىرىسنى كۈتۈۋېلىشى؛ ئېشىشقا كاپالەتلىك قىلىپ، پۇل پاخاللىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى؛ خەۋپنى تىزگىنلەپ، بۇ يىل ياخشى باشلىنىش ھاسىل قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

  جاڭ گاۋلى مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ غەربىي رايونىنىڭ ئورنى مۇھىم، يوشۇرۇن كۈچى زور، دۆلەت شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا داۋاملىق مەدەت بېرىدۇ. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت فۇنكسىيە ۋە خىزمەت ئىستىلىنى ئۆزگەرتىش قەدىمىنى تېزلىتىشى؛ بازارغا ھوقۇق بېرىپ، كارخانىلارنى ئەركىن قويۇۋېتىشى؛ بىيۇروكراتلىققا، شەكىلۋازلىققا، ئىسراپچىلىققا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، راست سۆزلەپ، ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېيتىپ، ئەمەلىي ئىش قىلىپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشى كېرەك. ئەتراپلىق تەپەككۇر قىلىشقا ماھىر بولۇپ، ئۇل خىزمەتلەرنى كۈچەيتىشى؛ ئىلمىي ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، جاندىل بىلەن خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۈەن رەھبەرلىرىدىن نۇر بەكرى، چې جۈن، خۇاڭ ۋېي، جۇ خەيلۇن، بەي جىجيې، ليۇ شىنچى قاتارلىقلار كۆزدىن كەچۈرۈشتە ئايرىم – ئايرىم ھەمراھ بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە