باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ئۇيغۇر قىز ئەسكەرلەر بىلەن كۆرۈشتى

2013.04.12 11:17         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

ئۇيغۇر ئەسكەر ئايتولۇن شۇكۈر ئارمىيە بايرىقىغا ھۆرمەت بىلدۈردى. (ماتېرىيال سۈرەت)
  4-ئايدىكى سەنيانىڭ ھاۋاسى ناھايىتى ياخشى ئىدى. 9-ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن سائەت توققۇزلاردا، شى جىنپىڭ قىسقا يەڭلىك ھەربىي فورما كىيىپ، دېڭىز ئارمىيەسى مەلۇم قوغلىغۇچى پاراخوت تارماق ئەترىتىنىڭ ھەربىي پورتىغا باردى. بارلىق ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنىڭ ھەربىي قىياپىتىنىڭ مۇنتىزىم، روھىنىڭ كۆتۈرەڭگۈ ئىكەنلىكىنى كۆردى.

  شى جىنپىڭ ماتروس ھۆرمەت قاراۋۇللىرىنى كۆزدىن كەچۈرگەندىن كېيىن، ئۈستى ئوچۇق ماشىنىغا چىقىپ، ھەيۋەتلىك ھەربىي پاراتتا، يۆياڭ، خېڭشۈي، يۈلىن ناملىق پاراخوتلارنى بىرمۇ-بىر كۆردى. شى جىنپىڭ ئوفىتسېر-ئەسكەرلەردىن ئارىلاپ-ئارىلاپ ھال سورىدى، ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر جاراڭلىق جاۋاب بەردى. پاراتنى كۆزدىن كەچۈرۈپ بولغاندىن كېيىن،

  شى جىنپىڭ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ جىڭگاڭشەن ناملىق پاراخوت ۋە مەلۇم يېڭىچە سۇ ئاستى پاراخوتىنى كۆزدىن كەچۈردى. ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنىڭ مەشىق، تۇرمۇش ئەھۋالىنى سورىدى، ماتروسلار تەقدىم قىلغان پاراخوت شەپكىسى، پاراخوت ئىزنىكىنى قوبۇل قىلدى ھەم پاراخوتنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسىگە ئىمزا قويدى.

  جىڭگاڭشەن ناملىق پاراخوت-ئېلىمىز ئۆزى لايىھەلەپ ياسىغان ئەڭ چوڭ تونناژلىق ئۇرۇش پاراخوتى شۇنداقلا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى قىز ئەسكەرلەر پاراخوتقا چىقىش سىنىقى قىلىدىغان ئورۇن، پاراخوتتا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان 20 قىز ئەسكەرنىڭ بەشى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن كەلگەن ئۇيغۇر قىز ئەسكەرلەر ئىدى. پاراخوتتا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان يۇقىرى دەرىجىلىك ئەسكەر ئايتولۇن قىسىمغا كىرگەندىن كېيىنكى تەسىراتلىرىنى دوكلات قىلدى، شى جىنپىڭ بۇنى ئاڭلاپ ناھايىتى خۇشال بولۇپ، ئاز سانلىق مىللەت قىز ئەسكەرلىرىنىڭ پاراخوتقا چىقىپ ۋەزىپە ئۆتەپ، دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشىغا ئاتلانغانلىقى-ئېلىمىز ئاياللار ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەت ئىگە دەپ ماختىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە