باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

نامرات ناھىيەنىڭ رەھبىرى نىمىشقا ئېسىل پىكاپقا ئولتۇرىدۇ؟

2013.04.11 16:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  7-ئاپرېل مەلۇم بىر تاراتقۇ خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى بايەن ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ليۇ يۈخەينىڭ باھاسى 750 مىڭ يۈەنلىك ئېسىل پىكاپ ھەيدەۋاتقانلىقى، سوت مەھكىمىسىدە يەنە ئومۇمنىڭ ماشىنىسىنى شەخسىي ئىشقا ئىشلىتىش قاتارلىق مەسىلىلەر مەۋجۇتلۇقى توغرىسىدا خەۋەر بەرگەنىدى.

  دەسلەپكى خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە، مەزكۇر ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ بارلىق خىزمەتچى خادىملىرى ئىجارىگە ئېلىنغان بېنادا ئىش بېجىرىدىكەن. ھالبۇكى، ليۇ يۈخەي بۇ سوت مەھكىمىسنىڭ باشلىقلىقىغا يۆتكىلىپ يېرىم يىل بولمايلا ئۆزى ئۈچۈن 750 مىڭ يۈەنلىك تويوتا پىرادو ماركىلىق پىكاپ سېتىۋېلىپ، «كۆزگە چېلىققان». ئۇ يەنە سوت مەھكىمىسىنىڭ چوڭ يىغىنىدا پەخىرلەنگەن ھالدا: «ماشىنا سېتىۋالغان پۇلنى ناھىيە چىقاردى، ناھىيەلىك پارتكوم شۇجىسى بىر مىليۇن يۈەندىن ئېشىپ كەتمىسىلا بولىدۇ دېدى، پۇلنى ھاكىم چىقىرىپ بەردى، ماشىنا سېتىۋالغاندىن كېيىن يەنە نەچچە يۈز مىڭ يۈەن ئېشىپ قالدى» دېگەن.

  دۆلەت مەمۇرىيەت ئىنسىتىتوتى جامائەت مەمۇرىيىتى ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى جۇ لىجيا ئۆزىنىڭ ئىلگىرى نۇرغۇن جايلارغا بېرىپ ئەمەلىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى، نۇرغۇن جايلاردا «قانچە نامراتلىقتىمۇ كادىرنى نامرات قويماسلىق» دەيدىغان ئەھۋال مەۋجۇت، بولۇپمۇ بىر قىسىم چەت، تەرەققىي قىلمىغان رايونلاردا، سىرتنىڭ نازارىتى ۋە باشقۇرۇشى يېتەرلىك ئەمەس، ھەم يەرلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ نازارەتچىلىكى ئېغىر كەمچىل بولغانلىقتىن ھوقۇقدارلار چىرىكلىشىدىغان ئەھۋال تېخىمۇ ئاسان يۈز بېرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە